سابىق بىرما دىكتاتورى ئاڭ ساڭ سۇچىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

بىرما ئارمىيەسىنىڭ سابىق باش قوماندانى تانشۋې ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ئۇزۇن يىللىق رەقىبى ئاڭ ساڭ سۇچىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇنى بىرمانىڭ «كەلگۈسىدىكى داھىيسى» دەپ ئاتىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر سابىق باش قوماندانى ئۆزىنىڭ ئاڭ ساڭ سۇچىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ ئۇچۇر ئۇنىڭ نەۋرىسى نايشۋې تەرىپىدىن ئاخباراتقا ئاشكارىلانغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئاڭ ساڭ سۇچى خانىم 5 - دېكابىر كۈنى سابىق بىرما ئارمىيەسىنىڭ 1992 - 2011 - يىللرى ئارىسىدىكى باش قوماندانى، يەنى بىرمانىڭ سابىق ھەربىي ھۆكۈمرانى، ئەمما ھازىر يەنىلا تەسىر كۈچكە ئىگە شەخس تانشۋې بىلەن مەخپىي ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن.

ئاڭ ساڭ چى رەھبەرلىكىدىكى پۈتۈن مەملىكەتلىك دېموكراتىيە ئىتتىپاقى 10 - ئايدىكى پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە بىرمادا يېڭى پارلامېنت ئىش باشلاش ۋە ئارقىدىن پرېزىدېنت سايلاش كۈتۈپ تۇرۇلماقتا ئىدى.

پارلامېنت سايلىمىدىكى غەلىبەدىن كېيىن، ئۇزۇن يىللار بىرمانىڭ دېموكراتىيەلىشىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاڭ ساڭ شۇچى خانىمنىڭ كەلگۈسىدە دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىش سالاھىيىتىگە ئەرىشىش ياكى ئېرىشەلمەسلىك مەسىلىسى مەيدانغا چىقتى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدا ئېيتىلىشىچىچە، بىرما ئاساسىي قانۇنى بويىچە ئاڭ ساڭ سۇچىنىڭ پەرزەنتى چەتئەل پۇقراسى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ، ئۇنىڭ پرېزىدېنت بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىكەن.