ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن ھەربىي فورمىلارنى كىيىشى غۇلغۇلا پەيدا قىلغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.05.22

 ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئەمەلدارلىرى گەرچە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ رەقىب ۋە تەھدىت ئىكەنلىكىنى پات-پات تىلغا ئېلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن ھەربىي فورمىلارنى كىيىشىنى توسۇپ قالالمىغان.

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «كۈندىلىك پوچتا» (Daily Mail) گېزىتى تورى 20-ماي كۈنى چىقارغان خەۋەرگە قارىغاندا، ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيە ئالاھىدە ئەترىتى، مەرگەنلەر ئەترىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ فورمىسى خىتايدا ئىشلەنگەن؛ ئەنگلىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش ئۇچۇشىدا كىيىلگەن ھەربىي فورمالارمۇ خىتايدا ئىشلەنگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي بىلەن 70 مىليون فوند ستېرلىڭلىق توختام تۈزۈلگەن.

ئەنگلىيە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسىسلىرى خىتاينىڭ ھازىر غەرب دۇنياسىغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى لىز تىراس (Liz Truss) ئالدىنقى ھەپتە تەيۋەنگە بارغاندا، ئەنگلىيەنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئەنگلىيە ئارمىيەسى كىيىۋالغان فورمالارنىڭ لاگېرلارغا سولانغان ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئىشلىتىلگەن زاۋۇتلارنىڭ مەھسۇلاتى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ئېكسپورت قىلىدىغان پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 84 پىرسەنتى ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىدىغان بولۇپ، بۇ رايوندا 1 مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا.

ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ سابىق قوماندانى رىچارد كېمپ (Richard Kemp) : «بۇ كىشىنى تەڭلىكتە قويىدىغان، نومۇس قىلارلىق خاتالىق؛ قوراللىق قىسىم تەننەرخى ھەر قانچە يۇقىرى بولسىمۇ، ئەنگلىيەدە ئىشلەنگەن فورمالارنى كىيىشى، ھەرگىز خىتاينىڭ كىيىملىرىنى كىيمەسلىكى كېرەك؛ خام ئەشيالار كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ياخشى دۆلەتتىن كېلىشى، تەھدىتكار، ھۇجۇمچى دۆلەتتىن كەلمەسلىكى كېرەك» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.