ئانتونىي بلىنكېن: «ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە ياخشى ھۈل سالدى!»

جوۋ بايدىن باشچىلىقىدىكى يېڭى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىش باشلاش ھارپىسىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ نامزاتى بولۇۋاتقان ئانتونىي بلىنكېىن ئەپەندى «دونالد ترامپنىڭ خىتاي ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرى بەكمۇ ئورۇنلۇق. خىتاي ھازىر شىنجاڭدا قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئانتونىي بلىنكېن بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر تەھدىت بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەر ئۈچۈن ئىككى پارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تېخىمۇ تېز بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن «مايك پومپېيونىڭ ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ، دېگەن قارارىغا سىز قانداق قارايسىز» دەپ سورىغاندا ئۇ ئىككىلەنمەستىن «بۇ مېنىڭمۇ قارارىم» دېگەن. شۇنداقلا بۇ ھەقتىكى تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئۆزى ئىشقا چۈشكەن دەسلەپكى بىر ئاي ئىچىدىكى مۇھىم ئىشلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن مەسىلىلىرىدىكى قاراشلىرىنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولۇپ، بۇ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتىكى كۆپ قىسىم تەدبىرلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىجرا قىلىشىدىن بېشارەت، دەپ قارالماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان يوشۇرۇن ھالدا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي چېگراسىدىن ھالقىغان مەنپەئەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كەلدى» دېگەن سۆزىنى بىر قىسىم ئانالىزچىلار نۆۋەتتىكى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ چوڭ جەھەتتىن ئۆزگەرمەستىن داۋام قىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ قارىماقتىكەن.