22-مارت كۈنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئۇ مەزكۇر باياناتتا مۇنداق دېگەن: «بىز بۈگۈن ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قوللىنىپ، ‹يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى› غا ئاساسەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ جۈنجېڭ بىلەن شىنجاڭ ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن گومىڭغا جازا يۈرگۈزدۇق. بىز شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ۋە ئېتىقادچى خەلق ئۇچراۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئىنكاس بىلدۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلدۇق. ۋاڭ جۈنجېڭ بىلەن چېن گومىڭ قاتارلىقلار ئۇلار چىقارغان 13818-نومۇرلۇق مەمۇرىي بۇيرۇققا ئاساسەن شىنجاڭدىكى قورقۇنچلۇق زوراۋانلىق بىلەن بىۋاسىتە چېتىشلىق ئەمەلدارلار دەپ بېكىتىلدى».
ئانتونى بىلىنكېن بۇ باياناتىدا ۋاڭ جۈنجېڭنى قەبىھ زوراۋانلىق پىلانىنى تۈزگۈچى، چېن گومىڭنى بولسا ئۇنى ئىجرا قىلغۇچى دەپ كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككە ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىك قىلغان.
ئۇ بۇ باياناتىدا يەنە مۇنداق دېگەن: «خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينى كۈنسېرى ئەيىبلەۋاتقان بۇ مەزگىلدىمۇ خىتاي يەنىلا شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا. ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى باستۇرۇشنى توختىتىشقا، لاگېر ۋە قاماقخانىلارغا خالىغانچە سولاپ قويغان ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ بېرىشكە يەنە چاقىرىدۇ. بىز بۈگۈن ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىمىز بولغان ئەنگىلىيە، كانادا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ھەمدەم بولۇش، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە قېتىلىش ئۈچۈن بۇ ھەرىكەتنى قوللاندۇق. ئىتتىپاقداشلىرىمىز يەنە شىنجاڭ ۋە باشقا دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن زوراۋانلىققا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتچىلىرىنى جازالىدى. بۇ ھەرىكەتلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، بىز كۆپ تەرەپلىمە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق كىشىلك ھوقۇقنى قوغداشنى كۈچەيتىمىز ھەمدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قەبىھ قىلمىشلىرىدىن ھېساب ئالىمىز».
ئانتونى بلىنكېن يەنە ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتىكى كۈچلۈك ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا ‹يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى› ئارقىلىق ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە زەربە بېرىشتە يېتەكچىلىك رول ئويناۋاتىدۇ. مەزكۇر قانۇن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارغا زەربە بېرىش ۋە ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشنىڭ مۇھىم ۋاستىسىدۇر. بۈگۈن ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ۋاسىتىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيا مىقياسىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنى جازالاش ھەرىكىتىنى قوللايدۇ. ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان بۇ بىرلەشمە ئىنكاس كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارغا بېرىلگەن كۈچلۈك سېگنالدۇر؛ بىز يەنە ئۆز ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرىكەت قوللىنىمىز. بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، خىتاينى بۇ جىنايەتنى دەرھال توختىتىشقا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ھېساب بېرىشكە چاقىرىمىز».