14-نويابىر كۈنى كالىفورنىيە شىتاتىدىكى سان فىرانسىسكو شەھىرىدە باشلىنىدىغان «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى» (APEC) مەزگىلىدە ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقى مۇقىملاشقاندىن كېيىن، بۇ ھال تېزدىن ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇھىم خەۋەر تېمىلىرىدىن بولۇپ قالغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 9-نويابىر كۈنى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يىغىنغا قاتناشقۇچى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە ئوچۇق مەكتۇپ يوللاپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە يەنە بىر قېتىم تەكىتلەش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇلارنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئوچۇق مەكتۇپتا ئېنىق قىلىپ «يېقىنقى تەرەققىياتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق تاشقى بېسىم بولمىغۇچە ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭ، تىبەت ۋە خوڭكوڭ رايونلىرىدىكى قاباھەتلىك جىنايەتلىرىنى توختاتمايدۇ. شۇڭا يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى جەزمەن شى جىنپىڭغا بۇ توغرىسىدا راۋرۇس بېسىم قىلىشى لازىم» دېيىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتى 2021-يىلى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى «دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى سىياسىتى، شۇنداقلا خىتاي سىياسىتىدىكى مەركىزىي ئامىل» دەپ جاكارلىغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئېلايىن پېئارسون (Elaine Pearson) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «شى جىنپىڭ يىغىنغا كەلگەندە ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە مەيدانى كەسكىن بولۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئەيىبلىشى، شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە يوليورۇقى بويىچە شىنجاڭدا مىڭلىغان ئىنساننىڭ بىگۇناھ ھالدا تۈرمىلەرگە قامىلىشى ھەققىدىكى قاباھەتلەرنى تەكشۈرۈش ھەمدە بۇنىڭ سورىقىنى قىلىش سېپىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى ئاشكارا تەكىتلىشى لازىم» دەيدۇ.