ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىڭ مەخسۇس خەۋىرىگە قارىغاندا، 2023-كۈنى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەر پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، ئۆتكەن يىلى 24-نويابىردا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت پاجىئەسى سەۋەبىدىن پۈتكۈل خىتايدا قوزغالغان «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» نىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلىگەن.
ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر بۇ يىغىلىشقا قاتنىشىپ، سۆز قىلغان. ئۇ، ئۈرۈمچىدىكى ئوت پاجىئەسى سەۋەبىدىن قوزغالغان «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» گە يۇقىرى باھا بەرگەن ۋە خىتايدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «نامايىشچىلار جىمجىت ھالدا كۆتۈرگىنى گەرچە قەغەز ئاق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقى ۋە نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. ئۇلار پۈتكۈل خىتايدىكى ئاۋام خەلقنىڭ ئاۋازى بولدى. ئۇلارنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى پۈتكۈل خىتاي خەلقى ۋە ھەتتا چەت ئەللىكلەرمۇ بىر قاراپلا ئۇقتى.»
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندىمۇ بۇ يىغىلىشقا قاتناشقان. ئۇ، يىغىلىش داۋامىدا سۆز قىلىپ، ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان كوۋىد قامالى سەۋەبلىك ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەرگە چوڭقۇر تەزىيەسىنى بىلدۈرگەن؛ ئۈرۈمچىدىكى ئوت پاجىئەسى سەۋەبىدىن قوزغالغان «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» نى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، بۇ ھەرىكەتتە ئۆز پىكرىنى بايان قىلغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنغان كامىلە ۋاھىت قاتارلىق گۇناھسىز ئىنسانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: «ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىنى توختىتىش مەسئۇلىيىتى ۋە ۋىجدانى بۇرچى بار.»
2022-يىلى 24-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزگەن چېكىدىن ئاشقان كوۋىد قامالى ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ئىدى. ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى يۇقۇم قامىلى سەۋەبلىك ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، بىنانىڭ چىقىش ئىشىكى قۇلۇپلاقلىق بولغاچقا ئىچىدىكىلەر سىرتقا قېچىپ چىقالمىغان، نەتىجىدە ئاز دېگەندە 44 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇ ۋەقە دەسلەپتە ئۈرۈمچىدە، كېيىن خىتاينىڭ باشقا ئۆلكە-شەھەرلىرى ۋە خوڭكوڭدا شى جىنپىڭنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىگە قارشى «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان كەڭ-كۆلەملىك ئاممىۋى نارازىلىق نامايىشنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەبچى بولغان ئىدى.