ئاق ساراي بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا قوللانماقچى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.06.28

ئا ق ش نىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئىشلىرى باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئاق ساراينى خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا قوللىنىشقا ئۈندىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس تەكلىپنى يېقىندا ئاق سارايغا تاپشۇرغان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 28-ئىيۇندىكى باش ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر تەكلىپ قوبۇل قىلىنسا پرېزىدېنت دونالد ترامپ ئوباما دەۋرىدىكى ئىنسان ھەقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىلىرىغا ئاساسەن بىر مەمۇرىي بۇيرۇققا ئىمزا قويالايدىكەن شۇنداقلا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بانكا ھېساباتى ۋە باشقا بايلىقلىرىنى توڭلىتىپ قويىدىكەن. مەزكۇر قانۇن ماددىسى «يەر شارى ماگنىتىسكى قانۇنى» دېگەن نامدا قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2017-يىلى دېكابىردا بىرمىدىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن بىر قىسىم گېنېراللارغا ھەمدە بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا تەتبىقلانغان.

باش ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تەكلىپتىكى بىرىنچى نىشان ئۇيغۇر دىيارىدىكى كومپارتىيە سېكرېتارى چېن چۇەنگو ئىكەن. چۈنكى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۇنى «يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى ‹قايتا تەربىيەلەش مەركىزى› گە قامىۋالغان» دەپ ئەيىبلىمەكتە ئىكەن. ئەمما بېيجىڭ دائىرىلىرى ئىزچىل خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ دىنىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، «دىنىي ساھەدىكى قاتتىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرى جىنايەت ۋە تېررورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر،» دەپ ئۆزلىرىنى ئاقلاپ كەلمەكتە ئىكەن.

ناۋادا باش ئەلچى بروۋنبەكنىڭ تەكلىپى قوبۇل قىلىنسا خىتاي ئەمەلدارلىرى تۇنجى قېتىم ئىنسان ھەقلىرىنى ئاياق-ئاستى قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالىنىدىكەن. يەنە كېلىپ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مايك پومپېيو تېخى يېقىندىلا «دىنىي ئەركىنلىك ھەرقاچان ئويلىشىلىدىغان مەسىلىدۇر» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرىرەك بولسا مۇۋەققەت ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى لاۋرا ستون بېيجىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «بىز شىنجاڭدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى ئويلىشىۋاتىمىز» دېگەن. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبىيومۇ ئۆز باياناتىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.