خىتاينىڭ ھۆججەتلىرى سەككىز مىليونچە كىشىنىڭ «قايتا تەربىيەلەش» كە بارغانلىقىنى ئاشكارىلىدى
2020.09.18
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل لاگېرلار ھەققىدىكى تۈرلۈك خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، يېقىندا ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ھۆججەتلىرىدىن مەلۇم بولغان مەلۇماتلار ئۆتكەن ئالتە يىل مابەينىدە ئاز دېگەندىمۇ سەككىز مىليون كىشىنىڭ «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرغا قامالغانلىقى مەلۇم بولدى.
ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «قۇياش» گېزىىتىنىڭ 18-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىىشچە، 2014-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھەر يىلى ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشى «تەربىيەلەش» كە بارغان. ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە قانچىلىك كىشىنىڭ بىر قېتىم «تەربىيە» ئېلىپ چىققاندىن كېيىن بۇ جايغا قايتا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى نامەلۇم ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان مەلۇماتلاردا بولسا «ئاكتىپ بولغان ئەمگەك ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق شىنجاڭ خەلقىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھاياتى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنماقتا» دېيىلگەن.
«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 18-سېنتەبىر سانىغا بېسىلغان بۇھەقتىكى ماقالىدا بولسا گېرمەنىيەلىك مۇتەخەسسىس ئادريان زېنزنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ مەركەزلىك ھالدا توپلىنىپ ھەربىي مەشق شەكلىدە ئەمگەككە سېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «جەنۇپتىكى نامرات ۋىلايەت ۋە شەھەرلەر بۇ قېتىمقى ‹قايتا تەربىيەلەش›تە ئاساسلىق نىشان بولغان. ئۇلار ئالدى بىلەن لاگېرغا قامىلىدۇ، ئاندىن لاگېرلارغا يېقىن جايلاردىكى زاۋۇتلارغا ئىشقا چۈشىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقان ئاتالمىش ‹ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش› دەل مۇشۇ باسقۇچتۇر» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ زور ساندىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئۆلكىلىرىگە «ئېشىنچە ئەمگەك كۈچى» نامىدا يۆتكەلگەن بولۇپ، «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە بۇ كىشىلەرنىڭ زور بىر قىسمى بىۋاستە ئاشۇ خىل «تەربىيەلەش مەركىزى» دىن يۆتكەلگەنىكەن. بۇ بولسا دەل نۆۋەتتە تاشقى دۇنيا كەسكىن تەنقىدلەۋاتقان «مەجبۇرىي ئەمگەك» ھادىسىسى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل بۇ ھالنى «نامراتلىقنى تۈگىتىش نامىدا» يوشۇرۇپ كەلمەكتىكەن.