يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۇبا بىلەن بۇ جايدا جاسۇسلۇق بازىسى قۇرۇش ھەققىدە كېلىشىم تۈزمەكچى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى. 12-ئىيۇن كۈنى ئاقساراي بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى بىلدۈردى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 12-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاقساراينىڭ باياناتچىسى جون كىربىي بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىي ھالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ بۇ ھەقتىكى سۆھبەت يولىنى ئوچۇق قويغانلىقىنى تەكىتلەپ: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندى خىتايغا زىيارەتكە بېرىش ھارپىسىدا بۇنداق بىر خەۋەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىزنى راھەتسىز قىلىدۇ. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن بۇ سەپەرنى كېچىكىدۇ، دەپ قارىمايمەن» دېگەن.
خىتاينىڭ كۇبا تەۋەسىدە جاسۇسلۇق بازىسى قۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر مەلۇم بولغاندىن كېيىن كۇبا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى برۇنو رودرىگۇز (Bruno Rodriguez) بۇنى قەتئىي ئىنكار قىلغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بولسا بۇ ھەقتە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: «بۇ، خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئۆز تەسىرىنى ئاشۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئىپادىسى» دېگەن. ئاقساراينىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلىشى تۈپەيلىدىن نۆۋەتتە بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەر پەسكويغا چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
