ئاقسۇ شەھەر ئىچىدىكى چوڭ يوللاردىن بىرى بولغان مائارىپ يولىدا يېقىنقى يىللاردىن بېرى مەكتەپ بالىلىرىنىڭ ئاپتوبۇسىغا سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەلىرى بىرقانچە قېتىم يۈز بەرگەن.
بۇنداق بولۇشىغا، مائارىپ يولىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە كەڭ بولماسلىقى، بۇ يول ياقىسىدا 3 مەكتەپ جايلاشقان بولۇپ، دەرستىن چۈشكەن مەزگىلدە قاتناش قىستاڭچىلىقىغا دۇچ كېلىشى سەۋەب بولغان. بۇ ئەھۋالنىڭ جىددىيلىكىنى تونۇپ يەتكەن بىر ئوقۇتقۇچى يېقىندا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تور بېتىگە نامسىز خەت يېزىپ، ئاقسۇ ۋالىسىدىن مەزكۇر ئەھۋالغا دىققەت قىلىشنى ۋە بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن مائارىپ يولىدا پىيادىلەر ۋە ۋېلىسىپىت يولى بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
توربەتتىكى مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، ئاقسۇ ۋالىسى مەزكۇر تەكلىپكە جاۋاب قايتۇرغان. ئەمما جاۋابىدا ئاقسۇنىڭ نۆۋەتتە ئىقتىسادىي جەھەتتە قىيىنچىلىقتا ئىكەنلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، مەزكۇر يولنى ھازىرچە ئوڭشىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.