ئاقسۇدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم ئۆلگەن

مەلۇم بولۇشىچە، «سېرقبۇيا ۋەقەسى» يۈز بېرىشتىن تەخمىنەن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم ئۆلگەن، ئون نەچچە ئۇيغۇر قولغا ئېلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە 10 - ئاپرېل ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيىسى يېڭىئېرىق يېزىسىدا يۈز بەرگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر مەزكۇر ناھىيىدە كەسكىن يولغا قويۇلغان ئۆي تەكشۈرۈش ھەرىكىتى داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ھېچقانداق رەسمىيەتسىز كىرىپ، مەجبۇرىي تەكشۈرگەن.

بۇ جەرياندا شۇ خىل قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرىغان مەلۇم بىر ئۇيغۇر ئاتالمىش ئۆي تەكشۈرگۈچى خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىمىنجان توختىنىياز ئىسىملىك بىر خىتاي ساقچىسىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرگەن. ئۆي تەكشۈرۈشكە كەلگەن باشقا خىتاي ساقچىلىرى ھۇجۇمچىنى نەق مەيدانىدا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى رادىئومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتى رەت قىلدى. ئەمما مەزكۇر ناھىيىدىكى بىر مېھمانخانا خادىمى شۇنداق بىر خەۋەرنى توردىن ئوقۇغانلىقىنى بىلدۈردى.

دائىرىلەر مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى قاتتىق كونترول قىلغان بولغاچقا ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ئىمكانىيىتى بولمىدى.

23 - ئاپرېل مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا يېزىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 15 نەپەر خىتاي ئامانلىق خادىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 ئادەم ئۆلگەن ئىدى.