ئاقسۇ ۋىلايىتىدە قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق قۇتقۇزۇش پۇلى تارقىتىلغان
2022.02.02
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «ئاقسۇ ئاخبارات تورى» نىڭ يېقىنقى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ۋىلايەت تەۋەسىدە قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق ئاپەت مەزگىلىدە ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن 200 مىڭ كىشىگە 36 مىليون سوم (تەخمىنەن بەش يېرىم مىليون ئامېرىكا دوللىرى) قۇتقۇزۇش ياردىمى تارقاتقان. بۇنىڭ بىلەن ئادەم بېشىغا 180 سوم (تەخمىنەن 28 ئامېرىكا دوللىرى) ياردەم پۇلى تەگكەن.
خەۋەردە بۇ قېتىملىق قۇتقۇزۇش ياردىمىنىڭ كىملەرگە تارقىتىلغانلىقى ئېيتىلمىغان بولسىمۇ قاتتىق سوغۇق، قېلىن قار، بوران ۋە مۆلدۈر قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەردە ئولتۇراق ئۆي شارائىتى ناچار كىشىلەرنىڭ بەكرەك زىيانغا ئۇچرىغانلىقىدەك رېئاللىق قۇتقۇزۇش پۇلى بېرىلگەنلەرنىڭ يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئىشارە قىلماقتىكەن.
ھالبۇكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاساسلىق ئاشلىق، پاختا ۋە كان بايلىقلىرى ماكانى بولغان ئاقسۇ ۋىلايىتى بىڭتۇەن سىستېمىسى ئەڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتقان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، تېخى يېقىندىلا ۋىلايەت تەۋەسىدىكى شايار ناھىيەسىدىن 100 مىليون توننا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالغانىدى. ئۇيغۇر دىيارىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ھەر كۈنى توشۇلۇۋاتقان تۈرلۈك بايلىقلارنىڭ غايەت زور سانىغا سېلىشتۇرغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ ئازغىنە ياردەم ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ «غەمخورلۇق قىلغۇچى» ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشىنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار «قاراپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېيىشمەكتىكەن.