جېجياڭ ئ‍ۆلكىسى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراتقان نىشانلىق ياردەمنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

خىتاينىڭ جېجياڭ ئ‍ۆلكىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قارىتا «نىشانلىق ياردەم» نى كۈچەيتىدىغانلىقى، ئاتالمىش «ياردەم تۈرلىرى» نى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەرقايسىي ۋىلايەتلەرگە قاراتقان بۇ ئاتالمىش «ياردەم» تۈرىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىنى پارچىلاپ ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ۋە بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى، دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ۋەدىنى جېجياڭ ئ‍ۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى يۈەن جياجۈن باشچىلىقىدىكى جېجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 17-ئاۋغۇستتىن 19-ئاۋغۇستقىچە ئۈرۈمچى ۋە ئاقسۇدا زىيارەتتە بولغاندا بەرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن، «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 19 ۋىلايەت ۋە شەھىرىنى خىتاينىڭ 19 ئ‍ۆلكە ۋە شەھرىگە بۆلۈپ بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «نىشانلىق ياردەم» نىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق رايونغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىشنىڭ ئاساسىنى ھازىرلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يۈەن جياجۈن 19-ئاۋغۇست چېن چۈەنگو، شوۆھرەت زاكىر، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتارلىقلار بىلەن ئ‍ۆتكۈزۈلگەن يىغىندا «مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئەگىشىپ، يەرلىك ۋە بىڭتۇەن بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقى، ئىدىيەنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، تەدبىرلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، نەتىجىنى يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش بىلەن مۇستەھكەملەيدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، جېجياڭ ئۆلكىسى «شىنجاڭغا بولغان سانائەت ياردىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ئەقلىي ياردەم بېرىشنى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىپ، ئۇل ئەسلىھەنى كۈچەيتىشكە، چېگرانى مۇقىملاشتۇرۇشقا، يەرلىكتىكى رەقەملەشتۈرۈشنى ئۆستۈرۈشكە ئاكتىپ ياردەم بېرىدىكەن.»