ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە 1 مىليون 503 مىڭ مو يەر قايتا تەقسىملەش ئۈچۈن يىغىۋېلىنغان

ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ھەرقايسى جايلاردىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى قايتىدىن ھۆددىگە بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

-28نويابىر ئاقسۇ ئاخبارات تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردىن قارىغاندا، دائىرىلەر ئاقسۇ ۋىلايىتىدە «يەرلەرنى رەتلەش» تۈرى بويىچە 1 مىليون 503 مىڭ مو يېزا يېرىنى قايتا رەتلەپ، بۇنىڭ 741 مىڭ 300 موسىنى ھۆددىگە بەرگەن.

خەۋەردە دائىرىلەرنىڭ «يەرلەرنى رەتلەش تۈرى» بويىچە تاشلىنىپ قالغان يەرلەرنى تۈزەپ، قايتىدىن ھۆددىگە بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئەمما دىققەت قوزغايدىغىنى، يەرلەر رەتلەنگەندىن كېيىن، دېھقانلارنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورۇنلىرى بىلەن تەمىنلىنىپ، ئايدا مىڭ سوملۇق مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. بىراق خەۋەردە، بۇ يەرلەرنىڭ كىمگە ھۆددىگە بېرىلگەنلىكى ۋە دېھقانلارنىڭ يەر تېرىش ئورنىغا قانداق ئورۇنلاردا ئايدا 1000 يۈەن مائاش بىلەن ئىشقا سېلىنىۋاتقانلىقى ئوچۇق تىلغا ئېلىنمىغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 2018-يىلى 2-ئايدا ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئارقىلىق خەۋەر تارقىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاست مىقياسىدا جەمئىي 4 مىليون مودىن ئارتۇق يەرنى يىغىۋېلىپ قايتىدىن تەقسىملەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە 2017-يىلى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى باشلىنىپ، ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئاساس قىلغان 2 مىليون ئەتراپىدا كىشى لاگېرغا قامالغان پەيتتە «يەرنى قايتا تەقسىملەش» ھەرىكىتى قوزغىلىشى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كۆچۈپ كەلگەن خىتايلارنىڭ يەر بىلەن تارتۇقلىنىشىغا ئائىت خەۋەرلەر چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.