خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابېنتى ئاخبارات ئىشخانىسى 14-ئىيۇن كۈنى «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھوقۇقتا باراۋەرلىكىنىڭ كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلغان.
بۇ كىتابتا خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ھوقۇقى، مەدەنىيەت ھوقۇقى، ئاياللار ۋە بالىلار ھوقۇقى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنىڭ باراۋەرلىكىنى قوغداپ كەلگەنلىكىنى» بابلار بويىچە بۆلۈپ، ئايرىم-ئايرىم تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، «پۇقرالارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش» بابىدا تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرىدا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن ئادەمنى تۇتۇپ سوتلىغانلىقى ۋە كېسىم چىقارغانلىقىدەك غەيرى قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلاپ قويغان.
ئاق تاشلىق كىتابنىڭ «پۇقرالارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش» قىسمىدا مۇنداق قۇرلار ئورۇن ئالغان: «ئادىللىق قانۇن-تۈزۈمنىڭ جېنىدۇر. ھەر مىللەت پۇقرالىرىنى قانۇننىڭ ئادىللىقىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن 74 سەييارە سوت، 103 ئۆتكۈنچى سوت، 1645 سەييارە ھۆكۈم چىقىرىش نۇقتىسى قۇرۇلدى ۋە دېلو بىر تەرەپ قىلىش مۇددىتى 21. 6 كۈنگە قىسقارتىلدى. 2020-يىل شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى 600 مىڭ 49 دېلونى قوبۇل قىلىپ، 580 مىڭ 74 دېلوغا ھۆكۈم چىقاردى. كۆچمە سوت، ئىنتېرنېت سوتى، يىراقتىن سوتلاش، رايون ئاتلاپ سوتلاش قاتارلىق زامانىۋى سوتلاش ۋاسىتىلىرىدىن ئاكتىپ پايدىلىنىلدى».
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقى مەلۇماتتا دېيىلگەن 600 مىڭدىن كۆپ دېلونىڭ خىتاي دائىرىلىرى ئۆز مەيلىچە بېكىتىپ چىققان سىياسىي دېلولار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. يەرلىكتىكى خىتاي سوتلىرى ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدىغان ئورۇنلار بولۇپ، يۇقىرىدىن ۋەزىپە چۈشكەندە قانۇنىي تەرتىپ، تەپتىش، ئادۋوكات دېگەنلەرنى ئويلىشىپ ئولتۇرمىغان. يەنە بىر جەھەتتىن، بۇ مەلۇماتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى قارا-قويۇق تۇتۇپ سولاپ، چاقماق تېزلىكىدە سوتلاپ، تۈرلەرگە بۆلۈپ لاگېرلارغا ياكى زاۋۇتلارغا يوللاۋاتقان مەزگىلىدىكى سوت ئەھۋالىنى مەلۇم جەھەتتىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن.