خىتاي دائىرىلىرى ئارال بىلەن كۇچا ئارىسىغا تۆمۈريول ياتقۇزۇش پىلانىنى تەستىقلىغان

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا تۆمۈريول تورى بەرپا قىلىپ، خىتاي تۆمۈريول تورىنى ئۇنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانى بىلەن بىرلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ 1-دېۋىزىيەسى تۇرۇشلۇق ئارال شەھىرى بىلەن كۇچانى تۆمۈريول ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇش پىلانىنى تەستىقلىغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، دائىرىلەرنىڭ 2-ئىيۇن كۈنى ئارال شەھىرىدە يىغىن چاقىرىپ، مەزكۇر تۆمۈريول پىلانىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى؛ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مەزكۇر پىلاننىڭ «ئەمەلىيلىشىشچانلىقى بار، تەلەپكە لايىق» دەپ باھا بەرگەنلىكى؛ شۇنداقلا دائىرىلەرنىڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى دوكلاتىنى تەستىقلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئارال-كۇچا تۆمۈريولى خىتاينىڭ ئالتايدىن-غۇلجاغا، غۇلجادىن ئارالغىچە بولغان جايلارنى تۆمۈريول ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇپ، جەنۇب بىلەن شىمالنى ئۆز ئارا باغلاش پىلانىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلانغان ئۇيغۇر رايونىنى كەڭ كۆلەملىك خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايوننىڭ تۆمۈريول قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىمۇ تېزلەتكەن. «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 2-ئىيۇن بەرگەن ئۇچۇرىدا، بۇ تۆمۈريول ئاقسۇ، كۇچا ۋە ئارال شەھىرىنىڭ شىمالىي تارىم ئىقتىساد ھالقىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، غۇلجا بىلەن خوتەننىڭ تۆمۈريول ئارقىلىق باغلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

خىتاينىڭ بىڭتۇەن 1-دېۋىزىيەسى تۇرۇشلۇق ئارال شەھىرى ئاقسۇ دەرياسى، يەركەن دەرياسى ۋە خوتەن دەرياسىنىڭ قوشۇلۇپ، تارىم دەرياسى بولۇپ شەكىللىنىش نۇقتىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ھازىرقى ئومۇمى كۆلىمى 6923 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىكەن.

ئارال ئىلگىرى ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان بىر يېزا بولسىمۇ، بىراق بۇ يېزا بىڭتۇەنگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، ھازىر خىتاينىڭ رايوندىكى مەزكۇر يېرىم قوراللىق، يېرىم ئىشلەپچىقىرىش گەۋدىسى بولغان بىڭتۇەننىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي بازىسىغا ئايلانغان. «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ئارال شەھىرى بىڭتۇەننىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 46.1 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن.