يېقىندا ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان خاۋېر مىلېي (Javier Milei) نىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارگېنتىنانىڭ بېيجىڭ يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان «كېسەك دۆلەتلىرى گۇرۇھى» غا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ يېتەكچىلىكىدىكى رۇسىيە، ھىندىستان، بىرازىلىيە، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «كېسەك دۆلەتلىرى گۇرۇھى» خىتاي تەرىپىدىن غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە خىرىس قىلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان بىر خەلقئارا گۇرۇھ بولۇشتەك تەسىرات پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئارگېنتىنانىڭ بولغۇسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىيانا موندىنو ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان بۇ قارار، ئارگېنتىنانىڭ ۋەزىپىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى بۇرۇنقى ھۆكۈمەتنىڭ بېيجىڭ بىلەن يېقىنلىشىش سىياسىتىدە جىددىي بۇرۇلۇش ياسايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن ھەپتە خاۋېر مىلېيغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ «كېسەك دۆلەتلىرى گۇرۇھى» دىن ئايرىلماسلىقىنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خاۋېر مىلېينىڭ شىنىڭ خېتىگە قارىماي كېسەك دۆلەتلىرىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
خاۋېر مىلېي پىرېزىدېنتلىق سايلىمى مەزگىلىدە خىتاينىڭ سىياسىي سىستېمىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى ئارگېنتىنانى شەخسەن ئۆزى «كېسەك دۆلەتلىرى گۇرۇھى» غا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان.
ئارگېنتىنانى «كېسەك دۆلەتلىرى گۇرۇھى» غا تەكلىپ قىلىش رەسمىي تەكلىپنامىسى مەزكۇر گۇرۇھنىڭ بۇ يىل 8-ئايدا جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدا رەسمىي سۇنۇلغان. كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا يىغىنىدا ئارگېنتىنادىن سىرت، ئىران، ئېفىيوپىيە،، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ رەسمىي تەكلىپنامە سۇنۇلغانىدى.
بۇ قېتىملىق سايلامدا ئارگېنتىنانىڭ بۇرۇنقى بېيجىڭپەرەس ھۆكۈمىتىگە قارشى مۇتلەق غەلىبىگە ئېرىشكەن خاۋېر مىلېي، سايلام مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى «قاتىل» ياكى ئەركىنلىك تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ پېيىغا چۈشكەن «سۇيىقەستچىلەر» كە ئوخشاتقان.