«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى تارمىقىدىكى تارىخ-مەدەنىيەت ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى ئارسلان ئابدۇللامۇ كېرىيەلىك يېزا باشلىقى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىلەن باشلانغان 3 خىل كۈچلەرگە قارشى بايانات ئېلان قىلىش دولقۇنىغا ئەگەشكەن.
ئۇ بۈگۈن تەڭرىتاغ تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، باشقىلاردىن پەرقلىق ھالدا «ئىلىم ساھەسىدىكى ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنىلا ئۇلۇغلاشتۇرۇش، خىتاي مەدەنىيىتىنى چەتكە قېقىش، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرگە تەۋە بولغان تالاش-تارتىشتىكى بەزى تارىخىي مىراسلارنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش خاھىشى مەۋجۇت.
پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا شوئار جەھەتتىن ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن پەرقلىق نۇقتىدا پىكىر بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما چاقىرىق نۇقتىسىدىن ئۇمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە شەرتسىز بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلغان. ئۇ چاقىرىقىنىڭ ئاخىرىدا زىيالىيلارنى ئەقلى ۋە بىلىمىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى ئىستراتېگىيىلىك غايىسى يەنى ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا چاقىرغان.