ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئارخېئولوگىيە تېپىلمىرى خىتاي تەشۋىقاتىغا ئىشلىتىلمەكتە
2023.02.28
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 26-فېۋرالدىكى ئېنگلىزچە خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئارخېئولوگلىرى نىلقا ناھىيەسى تەۋەسىدىكى بىر قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن ھايۋانات سۆڭەكلىرىدىن سىپتا قىلىپ ياسالغان كانكا ئاياقلىرىنى تاپقان. نۆۋەتتە بۇ ئاياقلارنىڭ بۇنىڭدىن 3500 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپلۇقى بېكىتىلگەن. خىتاي ئالىملىرى بۇ قەبرىدىن چىققان باشقا تېپىلمىلارغا ئاساسەن، بۇ قەبرە ئىگىسىنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى كاتتا زەردارلار جەمەتىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرغان.
خەۋەردە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا «قار تېيىلىش پەيدا بولغان جاي» دەپ قارىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە «بۇ قار تېيىلىشنىڭ دۆلىتىمىزدە پەيدا بولغانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى» دېيىلگەن. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى خىتايغا خاس ئۆزگىچىلىك قاتارىدا ئالاھىدە تەشۋىق قىلغان. بۇ ھال بىر قىسىم خىتاي مۇتەخەسسىسلەر موڭغۇللارنىڭ مىللىي قەھرىمانى چىڭگىزخاننى خىتايدىن چىققان قەھرىمان سۈپتىدە تەشۋىق قىلغانلىقىدەك رېئاللىقنى ئەسكە سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ يوسۇندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلارنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىغا تەدبىقلىشى يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەدىمىي تارىخىي ئىزلار، جۈملىدىن قىزىل مىڭئۆيلىرى، تۇرپان كارىزلىرىنىڭ بىردەك «شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلگەنلىكى» نىڭ دەلىلى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولغانلىقى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە بۇ توغرىسىدا سۆز بولغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قانچە ئورۇندا «نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى» تەسىس قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ قانداق قوغدىلىۋاتقانلىقى، بۇ خىلدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى «جانلاندۇرۇش» ئارقىلىق تارىخنى دەلىللەش ۋە تەشۋىقات مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا تۆھپە قوشقىلى بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. يەنە بىر ياقتىن مۇشۇ خىلدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئۇ جايلارغا مۇناسىۋەتلىك ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلارنىڭ «جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكى» چۈشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولى ئالاھىدە شەرھىلەنگەن.
ھالبۇكى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەييارلاپ چىققان «ئېتىقاد ۋەيرانچىلىقى» ناملىق دوكلاتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە تارىخىي ئىزلارنىڭ قانداق يوقىتىلىۋاتقانلىقى، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بۇ خىل يوقىتىش ھەركىتىنىڭ ماددىي مەدەنىيەتتىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلاردىكى مەنىۋى مەدەنىيەت دۇردانىلىرىغىچە كېڭىيىۋاتقانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان ئىدى.