ئارخېئولوگلار گۇچۇڭنىڭ دۆڭ شەھەر خارابىلىقىدىن ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى دەۋرىگە ئائىت نۇرغۇن ئاسەرئەتىقىلەرنى بايقىغان

خىتاي ئارخېئولوگلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى دۆڭ قەدىمى خارابىلىقىدا 4 يىلدەك قېزىش ئېلىپ بېرىپ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى دەۋرىگە ئائىت نۇرغۇن ئاسەرئەتىقە ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى بايقىغان. گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى دۆڭ قەدىمى خارابىسى ئۇيغۇرلارنىڭ 9-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە داۋاملاشقان ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىدىن بولغان بەشبالىق تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشنى خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن «شىنجاڭ مەدەنىي يادىكارلىقلار ئارخېئولوگىيە ئورنى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان.

ئۇيغۇر ئىدىقۇت دۆلىتى دەۋرىگە ئائىت بۇ ئاسارئەتىقە ۋە قۇرۇلۇش ئىزلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىكى مۇستەقىل خانلىقلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنى «خىتاينىڭ ئەزەلدىن تارتىپ بىر پارچىسى» دېگەننى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان، كىشىلەردە بۇ خىل قاراشنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ماددىي پاكىت ياساش، تارىخنى بۇرمىلاش، پەرقلىق قاراشتىكى ئۇيغۇر تارىخچىلىرى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرىنى يوقىتىشنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل ۋاستىلارنى ئىشقا سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا بايقالغان.

خىتاينىڭ «جۇڭگو گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆڭ قەدىمكى خارابىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان قېزىشتا ئ‍ىدىقۇت دەۋرىگە ئائىت ھويلا، مۇنچا، بۇددا ئىبادەتخانىسى، خرىستىئان دىنىنىڭ بىر تارمىقى بولغان نېستۇرىيان مەزھىپى چېركاۋىنىڭ قالدۇقى قاتارلىق قۇرۇلۇش ئىزلىرى بايقالغان. بۇ ئورۇندىن يەنە كۆپ مىقداردا ئۇيغۇر يېزىقى، سۈريانى يېزىقى، خىتاي يېزىقى ۋە تام رەسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسەرئەتىقىلەر تېپىلغان. ئارخېئولوگلار بۇ خارابىلىقنىڭ شىمالىدىكى چوڭ قۇرۇلۇش ئىزىنىڭ نېستۇرىيان چېركاۋى ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2013-يىلى بۇ خارابىلىقنى دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار نۇقتىلىق قوغداش ئورنى، دەپ ئېلان قىلغان.