ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى-كۇسەن مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇش پىلانى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «كۇسەن مەدەنىيىتى تەرەققىيات پروگراممىسى» ناملىق مەزكۇر پىلان 20-دېكابىر ئۇيغۇر ئىلىنىڭ كۇچار ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغان.
يىغىنغا خىتاينىڭ تارىخ، ئارخېئولوگىيە، سەنئەت، ئۇسۇل، چالغۇ ئەسۋاب ساھەلىرىدىكى 30 دەك مۇتەخەسسىس قاتناشقان.
يىغىندا، يىپەك يولىنىڭ شەكىللىنىش تارىخىي بىلەن خىتاينىڭ ھازىرقى «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ، «كۇسەن مەدەنىيىتى»نى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قانداق قېلىپلاشتۇرۇش، ئۇنىڭ ئومۇمىي رامكىسى، مەزمۇنى، كۇسەن مەدەنىيەت ئۇقۇمى قاتارلىق مەسىلىلەر تالاش-تارتىش قىلىنغان.
ئەمما بەزى ئۇيغۇر ئارخېئولوگ ۋە مىڭ ئۆي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۇسەن مەدەنىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا ئۇنىڭ ئەسلىگە سادىق بولۇش، ئۆزگەرتمەسلىك، بۇرمىلىماسلىق شەرت. «قىزىل مىڭئۆي رەسىملىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ئارخېئولوگ ۋە قەدىمكى يېزىقلار تەتقىقاتچىسى قۇربان ۋەلى، ئىلگىرى قىزىل مىڭ رەسىملىرىنى كۆچۈرۈپ سىزىلىپ، رەسىملەرنىڭ پورتىرىتى ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، كۇسەن مەدەنىيىتى ساپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، كۇسەن مەدەنىيىتى ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ قېلىپلاشتۇرۇش نامىدىكى ھەرقانداق لايىھە چوقۇم ئۇنىڭ ئەسلىگە سادىق بولۇشى كېرەك.