خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 11-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنى «غەربتىكى ئاشلىق ئامبىرى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىش بىلەن بىرلىكتە، 2024-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى 50 مىليون توننىدىن ئاشۇرۇشنى بەلگىلىگەن.
خەۋەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا ئاشلىق تېرىش كۆلىمى ۋە مەھسۇلات مىقدارى جەھەتتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىزچىل «مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكى»، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى مىقدارىنىڭ 2023-يىلى 21 مىليارد كىلوگرامدىن يۇقىرى بولغانلىقى، 2024-يىلى بۇ ساننى يەنە بىر مىليارد كىلوگرام ئاشۇرۇش مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. شۇنداقلا بۇ خىلدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاللىقاچان «سەككىزىنچى يىلىغا قەدەم قويغانلىقى» ئالاھىدە تەرىپلەنگەن.
ئاشلىق مەسىلىسى ئىزچىل تۈردە خىتايدىكى ئەڭ ھەل قىلغۇچ مەسىلىلەردىن بولۇپ، «ئامېرىكا ئاشلىق ئىستاتىستىكىسى» نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلىنىڭ ئۆزىدە خىتاينىڭ چەت ئەلدىن ئاشلىق ئىمپورت قىلىشى 16 پىرسەنت ئاشقان؛ قوناق ئىمپورت قىلىشى بولسا 31 پىرسەنت ئاشقان. ئەمما مەھسۇلات مىقدارىنىڭ كەمچىللىكى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ بۇغداي ئىمپورت قىلىشى 2024-يىلىدا كۆرۈنەرلىك چېكىنىپ كەتكەن. بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى يېڭى ئاشلىق بازىسى قىلىش ھەققىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى بىلەن زىچ ماس كېلىدۇ.
تېخىمۇ مۇھىمى، يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر دېھقانلىرى نەچچە يىللاپ پەرۋىش قىلىپ ئىزىغا سالغان تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ يېزا-يېزىلار بويىچە مەجبۇرىي يوسۇندا تارتىۋېلىنىشى، خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ «يەر تېرىپ باي بولاي دېسەڭلەر شىنجاڭغا بېرىڭلار، بۇ يەردە دېھقانچىلىق قىلىپ يىلىغا بەش مىليون تېپىش ئويۇننىڭ ئورنىدىكى ئىش» دېيىشلىرى تەسۋىرلەنگەن قىسقا ۋىدىيولار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن كۆپلەپ تارقىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. نۆۋەتتە بۇ ھال ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يەنە بىر ئىنكاسى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.