ئامېرىكانىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى خىتاي سەۋەبىدىن مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە باشلىغان

ئامېرىكانىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىدىن بولغان ياپونىيە بىلەن كورېيە تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر-بىرىگە ئانچە يېقىن كەلمەيدىغان دۆلەتلەر بولسىمۇ، خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رايون تەھدىتىگە قارشى ئىتتىپاقىنى كۈچەيتمەكچى بولغان.

«ياپونىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 9-مارت كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنتى يون سوكيۇل (Yoon Sukyeol) 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ياپونىيەنى زىيارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرمەكچى، تارىختىن قالغان ئىختىلاپلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلماقچى ئىكەن. ئۇ ئالدىنقى ھەپتە قىلغان سۆزىدە، «ياپونىيە ھازىر بۇرۇنقى تاجاۋۇزچى دۆلەت ئەمەس، بەلكى بىز بىلەن ئورتاق قىممەت قاراشقا ئىگە دوست دۆلەت» دېگەن. ياپونىيە باش ۋەزىرى ھىروكازۇ ماتسۇنو (Hirokazu Matsino) يون سوكيۇلنى 5-ئايدا ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» غا تەكلىپ قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

3-ئاينىڭ 9-كۈنى، «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ياپونىيە بىلەن كورېيە، ئامېرىكانىڭ تەشەببۇسى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ بىر-بىرىگە ئاكتىپ يېقىنلىشىپ، خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى ئىغۋاگەرچىلىكىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا كىرىشكەن. ياپونىيە ئالدى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇرۇشنى، كورېيە بولسا تەمىنلەش زەنجىرىدە خىتايغا تايىنىشتىن قۇتۇلۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان بولسىمۇ، خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى يەنىلا بىرىنچى ئورۇنغا قويغان. ئۇلار خېلىدىن بېرى ئامېرىكاغا مەلۇمات سۇنۇپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتاينىڭ تەھدىتى ۋە خەتىرىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىكەن.

خىتايمۇ بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، بۇنىمۇ ئامېرىكىنىڭ تەشەببۇسى دەپ بىلگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ ھازىر ھەر تەرەپتىن خىتاينى قىسماققا ئېلىپ، ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇن بولۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.