ئۇيغۇر دىيارىدا تېخىچە داۋام قىلىۋاتقان زور كۆلەملىك سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولغان ئىدى. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارغا چوشقا گۆشى يېگۈزۈشكە قانچىلىك زور كۈچ قىلىۋاتقانلىقى يەنىمۇ ئاشكارىلاندى.
«زىمىستان» تورىنىڭ 14-ئاپرېلدىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بىر خىتاي ھازىر بۇ جايلاردا «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈش» نامىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. بولۇپمۇ خىتايلارنىڭ تاۋۇز چاغىنىغا ئوخشاش كونا بايرام كۈنلىرى كەلگەندە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوشقا گۆشىدە ئېتىلگەن تاماقلارنى يېيىشى ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ بىر تۈرلۈك مەزمۇنى قىلىنىدىكەن.
ئۇيغۇر خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس بولۇپ، قەشقەردىكى بىر خىتاي «چوشقا گۆشى يېمەيدىغان ئۇيغۇرلار ‹ئىككى يۈزلىمىچى› دەپ بېكىتىلىدۇ،» دېگەن.
مۇخبىر يېقىندا لاگېردىن چىققان بىر ئۇيغۇر بىلەن سۆزلەشكەن بولۇپ، ئۇمۇ لاگېرلاردا بۇ ئەھۋالنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكىنى، قەشقەردىكى بىر لاگېردا خىتاي ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا چوشقا گۆشىدە ئېتىلگەن تاماقلارنى تارقىتىپ بەرگەنلىكى ھەمدە مۇشۇ تاماقنى يېمىگىچە ئۇلارغا ھېچنەرسە بەرمەسلىكىنى بۇيرۇغانلىقىنى، ئەمما مەھبۇسلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇنى رەت قىلغانلىقتىن ساقچىلارنىڭ بەكمۇ چىچاڭلاپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن.
مۇخبىرنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەكتەپلەردە خىتايچە تىلدىن باشقا تىل ئىشلىتىلمەيدىكەن. دۇكانلاردا ئۇيغۇرچە يېزىق بېسىلغان ھەرقانداق بۇيۇمنى سېتىشقا بولمايدىكەن. پۈتۈن مائارىپ ساھەسى تولۇق خىتاي تىلى مۇھىتىغا ئالماشقان بولغاچقا خىتاي تىلىنى بىلمىگەن ئوقۇغۇچىلار تەتىلگىمۇ قويۇپ بېرىلمەستىن خىتايچە ئۆگىنىدىكەن.