ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي 9-ئۆكتەبىر ئاتۇشتىكى بىر «كەسپىي تەربىيەلەش» نۇقتىسى ۋە بىر سانائەت باغچىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئاتۇشتا «كەسپىي تەربىيەلەش» نى كېڭەيتىش ئارقىلىق، بۇ جايدىكى سانائەت باغچىلىرىنى ئېھتىياجلىق ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ما شىڭرۈي 9-ئۆكتەبىر «شىنجاڭ تەڭرىتاغ كەسپىي تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ ئاتۇشتىكى «كەسپىي تەربىيەلەش» نۇقتىسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق تۈر قۇرۇلۇشىنى، شۇنداقلا ئاتۇش شەھەرلىك سانائەت باغچىسىدىكى دېخۇا توقۇمىچىلىق شىركىتى، سۇجياڭ تېخنىكا شىركىتى، ئالفا لىفت شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارنى تەكشۈرگەندە بۇ يوليورۇقنى بەرگەن.
ما شىڭرۈينىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش» نى كېڭەيتىپ، سانائەت باغچىلىرىنى ئېھتىياجلىق ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىشى، چەت ئەللەردىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلار «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ تېخىمۇ كۆلەملەشكەنلىكى ۋە تېخىمۇ ھىيلىگەرلەشكەنلىكى» نى قەيت قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ما شىڭرۈي «شىنجاڭ تەڭرىتاغ كەسپىي تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ ئاتۇشتىكى «كەسپىي تەربىيەلەش» نۇقتىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق دېگەن: «رايوندىكى سانائەت ۋە ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا يېقىندىن ئەگىشىپ… ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى مۇقىم كېڭەيتىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك رايون تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي تايانچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.»
ما شىڭرۈي ئاتۇش سانائەت باغچىسىدا بەرگەن يوليورۇقىدا شىركەتلەرنى «مال تەننەرخى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، ئەمگەك كۈچى كۆجۈملەشكەن، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىگىلىك ساھەلىرىنى نىشانلىق تەربىيەلەش ھەم تەرەققىي قىلدۇرۇش» نى تەكىتلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئاتۇش ئۇيغۇرلارنىڭ سودا ساھەسىدىكى سەر خىللار كۆپ چىقىدىغان بىر يۇرت بولۇپ، خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا، بۇ يۇرتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سودا ساھەسى قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچرىغان.