خىتاي دائىرىلىرى ئاتۇشتا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئۆي ئاختۇرۇش ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان قانلىق ۋەقەنى مەخپىي تۇتقان بولسىمۇ، مەزكۇر ۋەقە رادىئومىزدا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن خىتاي ساقچىسىغا ئاتالغان ماتەم مۇراسىمىنى خەۋەر قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
رادىئومىزدا ۋەقەنىڭ 30- ئىيۇن ئاتۇش شەھىرىدە يۈز بەرگەنلىكى، ئۆي تەكشۈرۈشكە كىرگەن ساقچىلاردىن مەمەتنۇر ئىسىملىك بىر قىرغىز ساقچىنىڭ پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ھۇجۇمچى ئۇيغۇرنىڭ يەنە بىر خىتاي ساقچىسى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇمدا ئۆلگەن ساقچىنىڭ ئىسمى مەمەتنۇر. تۇردىنىياز. ئۇ يارىلانغاندىن كېيىن، شۇ يەر ۋاقتى 12:30 دا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان، ئەمما 1 دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە قۇتقۇزۇش ئۇنۇم بەرمەي ئۆلگەن.
خەۋەردە ئۆي تەكشۈرۈش جەريانىدا نېمە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى، ئۆيى تەكشۈرۈلگەن ئۇيغۇرنىڭ نېمە ئۈچۈن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى كۆرسىتىلمىگەن.
خىتاي دائىرىلىرى ھۇجۇمچىنىڭ «قاچقۇن جىنايەتچى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىسىم فامىلىسى ۋە نېمە جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان.
خىتاي ساقچىلىرى ئەزەلدىن ئۇيغۇرلار قاراتقان زوراۋانلىقلىرىنى ئاتالمىش تېررورلۇققا زەربە بېرىش نامى ئاستىدا قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.