ئاۋسترالىيەنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ DNA سىنى تەكشۈرۈشى ئەندىشە قوزغىماقتا
2024.09.03
ئۆتكەن ئون يىلدىن بېرى ئاۋسترالىيەدىكى تەتقىقاتچىلار خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تېنىدىن توقۇلما ھۈجەيرىسى ئېلىش ۋە ئۇلارنىڭ DNA سىنى تەتقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. ئېغىر تەقىب ۋە قامال ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن مىليوندىن كۆپ ئىنساننىڭ تۈرمە-لاگېرلارغا قامالغانلىقى، خالىغانچە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى، نوپۇس كۆپىيىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىنمۇ ئۇلار تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرغان.
«سىدنىېي ئەتىگەنلىك گېزىتى» 2-سېنتەبىر ئېلان قىلغان بۇ خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 7-ئايدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ DNA سىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق خىتاينىڭ قانۇن دوختۇرلۇقى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇشقا ياردەملىشىۋاتقان ئاۋسترالىيە-خىتاي تەتقىقات تۈرى بۇ تەتقىقاتقا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ چېتىلغان بولۇشى سەۋەبلىك ئىلمىي تەتقىقات خاتىرىسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن.
ئىنسانلارنىڭ بىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكىنى تەكشۈرۈشتە شۇ ئىنساننىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ئالدىنقى شەرت بولسىمۇ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر خىتاي ساقچىلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان. ئاۋسترالىيەلىك تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر بالىلىرى مەجبۇرىي سولانغان ياتاقلىق مەكتەپلەردىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك ئالاھىدىلىكىنى تەكشۈرگەن. ئۇلار ھەتتا شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تۈپەيلىدىن خەلقئارا چەكلىمىگە ئۇچرىغان بىر شىركەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن تەتقىقات ئورگىنى بىلەن ھەمكارلاشقان.
ئاۋسترالىيە موناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور كېۋىن كاررىكو ئىلىم ئەخلاقىغا يات بۇ قىلمىشنى ئەيىبلەپ: «ئۆتكەن 7-8 يىللىق (شىنجاڭغا ئائىت) خەۋەرلەرنى ئوقۇغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ جايدا DNA ئەۋرىشكىلىرىنى توپلاش چەكتىن ئاشقان قىلمىش ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئۇنداق بولماپتۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ شۇ ئەھۋالدىمۇ خىزمەت قىلىشىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ» دېگەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات ئىشلىرى مەسئۇلى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋىسكىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە، بۇ تۈردىكى تەتقىقاتلارغا كىشىلەرنىڭ ئۆزى خالاپ قاتناشقانلىقىغا گۇمان بىلەن قاراش كېرەك» دېگەن.