ئاۋسترالىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى جىنايىتى توغرۇلۇق مۇنازىرە ئېلىپ بارغان

رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ 22-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە پارلامېنتى 22-مارت كۈنى خىتاينى «سىستېمىلىق ھالدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزدى» دەپ ئەيىبلەش ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارغان. ئەگەر بۇنىڭدىن بىر نەتىجە چىقسا، باشقا قانۇن تۇرغۇزۇش ئورۇنلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتايدىكەن.

ئاۋسترالىيە لېبرال پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى كېۋىن ئاندرېۋ: «شىنجاڭدا ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ قەبىھ، ئەڭ سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە بۇ ھەقتە پارلامېنتقا بىر تەكلىپ سۇنغان بولۇپ، ئاساسلىق پارتىيەلەرنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. بۇ تەكلىپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى زامانىۋى قۇللۇق تۈزۈمىگە قارشى تۇرىدىغان قانۇننى ئىجرا قىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مال تەمىنلەش لىنىيەسىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا چاقىرىق قىلىش رولىنى ئوينايدىكەن. ھالبۇكى، بۇ تەكلىپنىڭ قاچان ئاۋاز قويۇلىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

ئاۋسترالىيە ئىشچىلار پارتىيەسىدىن بولغان بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋسترالىيەدىكى 3000 دىن كۆپ ئۇيغۇر يەنىلا زور تەشۋىش ئىچىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ جىنايىتى ئاۋسترالىيەدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلىپ قالسا، بۇنىڭ خىتايغا بولىدىغان بېسىمى خېلىلا كۈچلۈك بولىدىكەن.