ئاۋسترالىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېننىي ۋوڭ (Penny Wong) ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئاكتىپ بولماسلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن.
«سىدنېي ئەتىگەنلىك خەۋەرچىسى» (The Sydney Morning Herald) نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىغا بىر يىل تولغان خاتىرە كۈنىدە ئاۋسترالىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە باشقا شېرىك دۆلەتلەر بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىيالمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن.
ئۇلار ھازىرقى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە تەسىر كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىقلار قوللانغان جازا ۋە ساياھەت چەكلىمىسىنى نېمىشقا ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى سورىغان.
ئۆكتىچىلەرنىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى سىمون بېرمىڭخام (Simon Birmingham) مۇنداق دېگەن:
«كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغىنى، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بۇ دوكلاتتىن كېيىن ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانمىدى. گەرچە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى قايتا-قايتا بۇنىڭغا چاقىرىق قىلغان ۋە ئىتتىپاق پارتىيەسى ھەر ئىككى پارتىيەلىك جازالاش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ ئەمما ئەمگەك پارتىيەسى سۈكۈت قىلىشنى تاللىدى» .
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:
«ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكەتسىزلىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىقلارنىڭ جىنايەتتە مەسئۇلىيىتى بار ئەمەلدارلارغا چىقارغان ۋىزا چەكلىمىسى، مال-مۈلۈكنى توڭلىتىش قاتارلىق نىشانلىق ھەرىكەتلىرىگە پۈتۈنلەي زىت بولدى» .
كېڭەش پالاتا ئەزاسى سىمون بېرمىڭخام سۆزىدە يەنە، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېننىي ۋوڭنى ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ ئىككى پارتىيەلىك قوللاش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئەمدى بولسىمۇ جازا يۈرگۈزۈش ئارقىلىق «ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا كۈچلۈك سىگنال ئەۋەتىشىنى» تەلەپ قىلغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاۋسترالىيە ئىشخانىسى دىرېكتورى دانىئېلا گاۋشون (Daniela Gavshon) مۇ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ھەرىكەتسىزلىكىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ سۆزىدە : «كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان ئەيىبلەش دوكلاتى ئېلان قىلىنىپ 12 ئايدىن كېيىن بولسىمۇ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرگە قوشۇلۇپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك. بۇنداق قىلماسلىق ئارقىلىق ئاۋسترالىيە نېمە دېمەكچى؟ » دېگەن.
دانىئېلا يەنە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا «كەڭ كۆلەملىك، سىستېمىلىق دەپسەندىچىلىكنى داۋاملاشتۇرۇش مۇددىئاسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى» ئەسكەرتىپ «ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى جازالاش تەدبىرلىرى ئارقىلىق بۇ قىلمىشقا يول قويمايدىغانلىقىنى ۋە سۇيىئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلىش كېرەك» دەپ ئەسكەرتكەن.
پېننىي ۋوڭنىڭ باياناتچىسى بولسا يۇقىرىدىكى ئەيىبلەشلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ب د ت نىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى، مىنىستىرنىڭ ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە : «خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاۋسترالىيەنى شىنجاڭ ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىمىزنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. بىز خىتايغا داۋاملىق ئىككى تەرەپلىك بېسىم قىلىپ، كۆپ تەرەپلىك ئورگانلاردا ئوچۇق-ئاشكارىلىق ۋە جاۋابكارلىقنى تەشەببۇس قىلىمىز» دېگەن.
«سىدنېي ئەتىگەنلىك خەۋەرچىسى» نىڭ دېيىشىچە، ئاۋسترالىيە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنى جازالاش قانۇنى بولغان «ماگنىتىسكىي قانۇنى» نى 2021-يىلى 12-ئايدا قوبۇل قىلغان، 2022-يىلى 3-ئايدا تۇنجى قېتىم ئۇنى رۇسىيەگە قارشى قوللانغان ئىكەن. بۇ قانۇن بىرما ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلگەن ئەمما خىتايغا قارشى قوللىنىلىپ باقمىغانىكەن.