ئاۋسترالىيە چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلارغا قول سېلىشىنى چەكلەش قانۇنى ماقۇللىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋسترالىيەگە ئۆز تەسىرىنى سىڭدۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرى چوڭ بەس-مۇنازىرىگە سەۋەب بولۇۋاتقاندا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قول سېلىشىنى چەكلەيدىغان مەخسۇس قانۇننى ماقۇللىدى.

فىرانسىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 29-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيە پارلامېنتى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان چوڭ سايلامدىن ئىلگىرى مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىغان. بەزىلەر بۇ ھالنى «خىتاينىڭ سايلامغا تەسىر كۆرسىتىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى بولۇشى مۇمكىن،» دەپ تەخمىن قىلماقتا ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى يەرلىكتىكى مائارىپ ساھەسىگە قول تىقىشى ھەمدە سىياسىي مۇددىئا يوشۇرۇنغان «ماددىي ئىئانە» پائالىيەتلىرىدىن بەكمۇ تەشۋىشكە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆججەتلىرىنىڭ بىرىدە «جاسۇسلۇق ۋە چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قول تىقىشى ئاۋسترالىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زور تەھدىت،» دېيىلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى پائال ھەرىكەتلەردە بولۇشى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىشى ياكى ئاۋسترالىيەنىڭ دېموكراتىك سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسەتمەكچى بولۇشىدىن ئىزچىل راھەتسىز بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن. ئەمدىلىكتە بولسا يېڭىدىن ماقۇللانغان بۇ قانۇننىڭ بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا زور ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈمىد قىلىنماقتا ئىكەن.