خىتاي «ئاۋسترالىيە-خىتاي ئىقتىساد دىئالوگى» قارمىقىدىكى بارلىق پائالىيەتلەرنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.05.06

6-ماي پەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيە-خىتاي ئىستراتېگىيە ئىقتىساد دىئالوگى قارمىقىدىكى بارلىق پائالىيەتلەرنى «مۇددەتسىز» توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى باياناتىدا «يېقىندا ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئىدىيەسى ۋە ئىدىيەۋى كەمسىتىش سەۋەبىدىن خىتاي بىلەن ئاۋستىرالىيە ئوتتۇرىسىدىكى نورمال ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويدى،» دېگەن.

مەزكۇر باياناتتا بۇ تەدبىرلەرنىڭ كونكىرېت نېمىلىكىنى ئېنىق تىلغا ئالمىغان. بىراق يېقىندا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ۋىكتورىيە شىتاتى تۈزگەن «بىر بەلۋاغ بىر يول» ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى. ئەينى چاغدا ئاۋسترالىيەدىكى خىتاي ئەلچىسىى بۇنى ئەيىبلەپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 6-ماي كۈنىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئاۋسترالىيەگە قايتۇرۇلغان «زۆرۈر ۋە قانۇنلۇق ئىنكاس ۋە ئاۋسترالىيە تولۇق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك،» دېگەن.

ئاۋستىرالىيە سودا مىنىستىرى دان تېخان بولسا خىتاي تەرەپنىڭ قارارىنىڭ كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەسلىدە بۇ ئىقتىسادىي سۆھبەت ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان مۇنبەر ئىدى،» دېگەن.

2018-يىلى ئاۋىستىرالىيە تۇنجى بولۇپ خۇاۋېينىڭ 5G تورىنى ئاشكارا چەكلىگەن ئىدى. ئاۋىستىرالىيە يەنە ئۆتكەن يىلى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي قاتتىق نارازى بولۇپ، ئاۋسترالىيەگە ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىق بىر قىسىم سودا چەكلىمىلىرىنى ئېلان قىلغان. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى شۇندىن بېرى ئىزچىل جىددىي ھالەتتە تۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.