راي سىناش نەتىجىسى: ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ يېرىمىغا يېقىنى خىتاينى ھەربىي تەھدىت دەپ قارايدۇ

سېدنىيدىكى لوۋىي خەلقئارا سىياسەت تەتقىقات ئورنى بۈگۈن، خىتاي ھەققىدە بىر راي سىناش نەتىجىسى ئېلان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ يېرىمىغا يېقىنى كەلگۈسى 20 يىلدا خىتاي ئاۋسترالىيە ئۈچۈن ھەربىي تەھدىتكە ئايلىنىدۇ دەپ قارايدۇ. خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، راي سىناشتا خىتاينى ھەربىي تەھدىت دەپ ئاۋاز بەرگۈچىلەرنىڭ سانى 46% گە يەتكەن بولۇپ، بۇ نىسبەت 2015-يىلىدىكىگە نىسبەتەن 7% ئاشقان.

رويتىرىسنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئاۋسترالىيەدە خىتاي ئەندىشىسىنىڭ كۈچىيىشىگە، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى جەنۇبىي دېڭىزدا سۈنئىي ئاراللارنى پەيدا قىلىشى، ئۇ يەردىكى ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى كېڭەيتىشى ۋە فىلىپپىن، ۋىيېتنام ۋە برۇنى قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ئىزچىل ھالدا تېررىتورىيە تالىشىشى سەۋەب بولغان. راي سىناشتا يەنە، خىتاينى سودا شېرىكى دەپ قارىغۇچىلارنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكى مەلۇم بولغان.

بۇ راي سىناش نەتىجىسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكا تىنچ ئوكيان ھەربىي قوماندانلىرىدىن توم خونسون «ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇپ تۇرۇپ، خىتاي بىلەن سودا قىلىش ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئاسان ئىش ئەمەس، مەنچە ئاۋسترالىيە دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن قايسىسىنىڭ بەكرەك مۇھىملىقى ھەققىدە ئويلىنىشى كېرەك» دېگەن.