ئاۋسترالىيەلىك مۇتەخەسسىس دىرك فون دېر كلەي «ئاۋسترالىيە گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي ئايرىمىچىلىقىغا قارشى ئاۋازىنى يۈكسەلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئاۋسترالىيە پۇقرالىرىغا تەھدىت سېلىۋاتقان بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ خىتايغا يۇمشاق پوزىتسىيە تۇتۇشى ئاقمايدىكەن. مەزكۇر ماقالە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا تاقاش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى قوزغىغان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان.
دىرك فون دېر كلەي «بىز خىتاينىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىقىغا قارشى ئاۋازىمىزنى يۈكسەلدۈرۈشىمىز كېرەك» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئاۋسترالىيە 20 يىلدىن بېرى خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى يەڭ ئىچىدە سۆزلىشىش يولىنى تاللاپ كەلگەن بولۇپ، لېكىن ھازىر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشى قورقۇنچلۇق دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن.
دىرك فون دېر كلەي ماقالىسىدە، ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق پروگراممىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئاۋسترالىيەلىك سىياسەتچىلەرنىڭ بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ماقالىدا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىر مىليوندەك مۇسۇلمان ئۇيغۇر ۋە قازاقنى سوتسىز ۋە قەرەلسىز تۈردە جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى، ھازىرغا قەدەر پەقەت بىر قانچە كىشىنىڭلا قويۇپ بېرىلگەنلىكى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ لاگېرلاردا ئۆلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، دۆلەتنىڭ يەنە «كەڭ كۆلەملىك جەسەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتلىرىنى سېلىۋاتقانلىقى، ئۆلگەنلەرنى ئەنئەنىۋى قائىدىلەر بويىچە دەپنە قىلىشنى رەت قىلىۋاتقانلىقى» تەكىتلەنگەن.
ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «جازا لاگېرلىرىنىڭ سىرتىدىكى 10 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە قازاق پۇقراسى ئوچۇق تۈرمىدە ياشىماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدەمدە بىر كىملىكى تەكشۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. ھۆكۈمەت يەنە خىتاي كادىرلىرىنى ئېرى ۋە پەرزەنتى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر، قازاق ئائىلىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاتا-ئانىسى تۇتقۇن قىلىنغان بالىلار دۆلەتنىڭ يېتىمخانىلىرىغا يوللانماقتا».
درىك فون دېر كلەي يەنە، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنى جاسۇسلۇق قىلىشقا قىستايدىغانلىقى، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشە ئىچىدە ياشايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئاۋسترالىيەنىڭ يەڭ ئىچى دىپلوماتىيەسى ئاقمىدى. سۈكۈت قىلىش خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا زومىگەرلىك قىلىشى، كومپارتىيەنىڭ ئۇلارغا زوراۋانلىق قىلىشىنى قوبۇل قىلغانلىق بولىدۇ» دېگەن.