خىتاي تىنچ ئوكياندا قىتئەلەر ئارا زەربە بېرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىپ قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئاۋسترالىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، يىراق مۇساپىلىك زەربە بېرەلەيدىغان بومبىلارنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقارماقچى بولغان.
«ئەل-جەزىرە» قانىلى 30-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان بۇ خەۋەرگە كۆرە، خىتاي تىنچ ئوكياندا قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) نى سىناق قىلىپ قويۇپ بەرگەن. بۇ ۋەقە قوشنا دۆلەتلەردە غايەت زور ئەندىشە پەيدا قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن تىنچ ئوكياننىڭ «باشقۇرۇلىدىغان بومبا دەۋرى» گە كىرىدىغانلىقىدىن سىگنال بەرگەن.
ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مىنىستىرى پەت كونروي (Pat Conroy) 30-ئۆكتەبىر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئاۋسترالىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ھەم زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە ئامېرىكا، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز نېمىشقا تېخىمۇ كۆپ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا موھتاج؟ چۈنكى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئاۋسترالىيەنىڭ خەۋپسىزلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ رىقابەت بىزنىڭ رايونىمىزدا، يەنى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئەڭ شىددەتلىك بولىدۇ» دېگەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ ئۇچۇش ئارىلىقى 11 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالى دېڭىز تەۋەلىكىگە چۈشەلەيدىكەن. شۇڭا ئاۋسترالىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن، دېڭىز ئارمىيەسىگە SM-6 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ، يادرولۇق سۇ ئاستى كېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىكەن.