ھازىر خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ۋۇجېن شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان «4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىنتېرنېت يىغىنى» دا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئىسلام «تېررورلۇقى» غا چېتىشلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتلىرىنى كۆزىتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
«غەرب ئادۋوكاتلىق» تورىدا 5-دېكابىر ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگانلىرى نۆۋەتتە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام تېررورچىلىرى» دەپ ئاتىلىۋاتقان كىشىلەرگە چېتىشلىق تىۋېتتېر ھېساباتلىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرمەكتە ئىكەن.
«4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىنتېرنېت يىغىنى» دا خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى مۇتەخەسسىسلىرىدىن مېي جيەنمىڭ ھازىر ئاۋسترالىيەدە مۇشۇنداق تۋىتتېر ھېساباتىدىن 34 نى بايقىغانلىقىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ تۋېتتېردا «تېررورچىلار» نى قوللاپ، خىتايغا قارشى كۈچلەر بىلەن ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يىغىندا كۆرسەتكەن ئىسىملىكلەر قاتارىدا ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈچ پۇقراۋى تەشكىلاتى تىلغا ئېلىنىدۇ.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھېسابات ئىگىلىرى تۋېتتېردا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ ۋە بىر يول» قۇرۇلۇشى ھەققىدە سەلبىي پىكىرلەرنى تارقىتىش، «بۇرمىلانغان پاكىتلار ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلىش» بىلەن مەشغۇل بولىدىكەن. ئاۋسترالىيە لاتروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس لېيبولد خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىدىن ھېچقانداق ھەيران قېلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى تەكىتلەيدۇ.
ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھازىر شىنجاڭدىكى تۇغقانلىرىمنى ساقچىلار ئاۋارە قىلامدىكىن، دەپ ئەنسىرەپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەنمۇ ئالاقە قىلالمايۋاتىدۇ» دېگەن.