ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زېللاندىيە: «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز»

ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زېللاندىيە ھۆكۈمەتلىرى 23-مارت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگىلىيە، كانادا ۋە ئامېرىكانىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمەلدارلىرىغا يۈرگۈزگەن جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۈگۈن «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ئىشەنچىلىك دوكلاتلاردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى» تەكىتلەنگەن.

بۇ يازما بايانات ئاۋسترالىيە تاشقىي ئىشلار ۋە سودا مىنىستېرى مارىسا پېين بىلەن يېڭى زېللاندىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى نانائىي ماخۇتانىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان. باياناتتا يەنە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت «ئېنىق دەلىللەرنىڭ بارلىقى» ئەسكەرتىلىپ، «ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زېللاندىيە كانادا، ياۋروپا ئىتىتپاقى، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكانىڭ تۆنۈگۈن كېچىدە ئېلان قىلىنغان ئىمبارگو تەدبىرلىرىنى قارشى ئالىدۇ. بىز بۇ دۆلەتلەرنىڭ، جۈملىدىن پۈتۈن ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيە جامائەتلىرىدىمۇ مەۋجۇت بولغان بۇ چوڭقۇر ئەندىشىلەرگە ئورتاقلىشىمىز،» دېيىلگەن.

ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باياناتى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسى 22-مارت ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر قارار تەكلىپ لايىھەسى مۇنازىرە قىلغاننىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىندى. بۇ تەكلىپ لايىھەسىنى لېبىراللار پارتىيەسىدىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى كەۋېن ئاندرېۋس بىلەن ئىشچىلار پارتىيەسىدىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىست ھېيىس سۇنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت غا ئۇيغۇر ئېلىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشى، «زامانىۋى قۇللۇق ۋە تەمىنات زەنجىرلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تەدبىرلەرنى ئېلىشى» تەلەپ قىلىنغان.