خىتاي ئاۋسترالىيە تېلېۋىزىيە قانىلىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى زىيارىتىدە «ئۇستىلىق بىلەن پەردازلانغان سەھنىلەر» بىلەن كۈتۈۋالغان

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بېرى بەزى غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇشىغا كونتروللۇق ئاستىدا يول قويماقتا. خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 7-ئايدا فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ قەشقەر، يەكەن قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولۇشىغا يول قويغاندىن كېيىن، بۇ قېتىم ئاۋسترالىيە تېلېۋىزىيە قانىلى ABC نىڭمۇ رايوندا زىيارەتتە بولۇشىغا كونتروللۇق ئاستىدا يول قويغان. لېكىن مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 1-ئۆكتەبىر تارقاتقان خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنياغا ‍ئويۇن-تاماشا ماكانى قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتقان بۇ رايوندا ئۇلارغا «ئۇستىلىق بىلەن پەردازلانغان سەھنىلەر» كۆرسىتىلگەن. خىتاي تېخى ئالدىنقى يىللاردا بىر قانچە مىليون ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر لاگېرلارغا قامىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلغان بۇ رايوننىڭ ساياھەت گۈللەنگەن، كىشىلەر ئىناق بولغان بىر جەمئىيەت كارتىنىسى سىزىشقا تىرىشقان.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، دائىرىلەر بۇ زىيارەتتە مەزكۇر رايوننى خۇشال بىر جەمئىيەتتەك كۆرسىتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن مۇخبىرلارنىڭ رايوندىكى بۇرۇنقى ھەرقانداق بىر لاگېرنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويمىغان. خەۋەردە، ھالبۇكى بۇ لاگېرلاردا بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ «قايتا-تەربىيەلەش» نامىدا خالىغانچە قامىلىپ، ئايلارچە، ھەتتا يىللارچە تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. خەۋەردە يەنە ئىلگىرى لاگېردا يېتىپ چىققان بەزى ئۇيغۇرلارمۇ زىيارەت قىلىنغان. ھالبۇكى، بۇ سابىق لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى «رادىكال دىنىي ئىدېئولوگىيەدە زەھەرلىنىپ» لاگېردا تۈزۈلۈپ چىققانلىقىنى قەيت قىلىشى دىققەت قوزغىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 1990-يىللاردا ABC قانىلى قەشقەرنى زىيارەت قىلغاندا تارتقان بىر فىلىمىدا، شۇ ۋاقىتتىكى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ جۈمە نامىزىدا كىشىلەر كوچىلارغا پاتماي قالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىم ھېيتگاھ جامەسىدىكى جۈمە نامىزىدا پەقەت بىر قانچە 10 كىشىنىڭ ناماز ئوقۇشى، نامازخانلار ئارىسىدا 50 ياشتىن تۆۋەن كىشىلەرنىڭ بولماسلىقى دىققەت تارتقان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقى بۇ يىل 7-ئايدا قەشقەر، يەكەن قاتارلىق جايلارغا قاراتقان زىيارىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى رايوننىڭ ئىجابىي كارتىنىسىنى سىزىشقا تىرىشسىمۇ، بىراق رايوندا باستۇرۇشنىڭ يەنە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.