ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغان

ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا 11-فېۋرال كۈنى «ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدىكى بارلىق پارتىيەلەرنىڭ ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» (AAPPGU) قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

«ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇش خىزمىتى ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما 11-فېۋرال كۈنى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت بىلەن «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇشى رەسمىيلەشكەن. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، «ئاۋسترالىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» خىزمەت كۈنتەرتىپىنىڭ ئاساسلىق نىشانى، ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاۋسترالىيە بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش قانۇنى چىقىرىش، خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ يۈرگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئاۋسترالىيەدىكى «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئاياللار ئۇيۇشمىسى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ تىرىشچانلىقى، ئاۋسترالىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى پەنىي ۋوڭ (Penny Wong)، پارلامېنت ئاۋام پالاتا ئەزاسى توني زاپىيا (Zappia) ۋە ئاندرېۋ ۋاللېس (Andrew Wallace) قاتارلىق سىياسىيونلارنىڭ قوللىشى ھەم ھەمكارلىقىدا ۋۇجۇدقا چىققان ئىكەن.

ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېيىن، ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدىمۇ «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىش كېلىشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋام پالاتا ئەزاسى تونىي زاپىيا بىلەن ئاندرېۋ ۋالېس «ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدىكى بارلىق پارتىيەلەر ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قوش رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. تونىي زاپىيا بىلەن ئاندرېۋ ۋالېس، «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەسمىي قۇرۇلۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ گۇرۇپپىنىڭ مەقسىتى «ئاۋسترالىيە ۋە دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە تەسىر قىلىۋاتقان مەسىلىلەردە دىيالوگ قۇرۇش، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە دىققەت قوزغاشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ‹دوستلۇق گۇرۇپپىسى›نىڭ پارتىيەلەر ھالقىغان ھەمكارلىقى ئارقىلىق، كىشىلىك ھوقۇق، مەدەنىيەتنى قوغداش، كۈچلۈك ماسلىشىش ۋە ھەقىقىي ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدىكى بارلىق پارتىيەلەر ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى»، ئاۋسترالىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مىڭلىغان مەھسۇلات تۈرلىرىنى ئاۋسترالىيەگە ئىمپورت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ، غۇلغۇلا قوزغىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىندى.