ئاۋسترالىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى قۇياش ئېنىرگىيەسى بىرىكمە دېتالىغا چېتىشلىق مەجبۇرىي ئەمگەككە دىققەت قىلىشقا چاقىرغان

ئاۋسترالىيە ABC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئاۋسترالىيە فېدراتسىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى قۇياش ئېنىرگىيەسى بىرىكمە دېتاللىرى ئىشلەپچىرىشىغا چېتىشلىق مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرغان بولۇپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاۋسترالىيەنىڭ ئۆزىگە مەبلەغ سېلىپ، قۇياش ئېنىرگىيەسى بىرىكمە دېتاللىرى ئىشلەپچىقىرىشقا دەۋەت قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاۋسترالىيەدە ئورنىتىلغان قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسىنىڭ 80 پىرسەنتى خىتايدىن كېلىدىكەن. ھالبۇكى، خىتايدىن كېلىدىغان بۇ مال ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدىغان زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن.

ئاۋسترالىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كېڭىشى ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان ياكى ياسالغان بارلىق ماللارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. مەزكۇر كېڭەشنىڭ رەئىسى مىشېل ئونېيل مۇخبىرغا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمىنى، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكى جىنايەتلىرىنى تىلغا ئالغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بايدېن ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغانىدى. مىشېل ئونىيېلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋسترالىيە خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماسلىق جەھەتتە ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېيىن تۇرىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئىنكار قىلىپلا قالماي، خەلقئارانىڭ ئۇنىڭ بىلەن چېتىشلىق ماللارنى ئالماسلىقىنى «خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا قىلىنغان قەستەن بۇزغۇنچىلىق» دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە ئىكەن.