ئاۋسترالىيە ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى: «خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشى ئادەمنى قاتتىق بىئارام قىلىدۇ»

ئاۋسترالىيە ئۆكتىچى پارتىيەسى -ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى بىل شورتېن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشى ئادەمنى «قاتتىق بىئارام قىلارلىق» دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە جىددىي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«سىدنېي ئەتىگەنلىك خەۋەرچىسى» گېزىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ نازۇك مەسىلىگە ئىپادە بىلدۈرۈشى ئىكەن.

خىتاينىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، «كەسپىي تەربىيەلەش» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشى دۇنيادا زور ئەندىشە قوزغىغان.

يېقىندا ئاۋسترالىيە پارلامېنتى بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرىگە قويۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. «سىدنېي ئەتىگەنلىك خەۋەرچىسى» گېزىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، بىل شورتېن ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدە ئەدەپلىك ئۇسۇلدا «ھەقىقەتنى سۆزلەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر قىممەت ئۆلچىمىدىن يىراقلاشسا، بىز بۇنىڭغا كۆز يۇمالمايمىز. لېكىن، مەن بۇنى بىزنىڭ داۋراڭ سېلىش ئارقىلىق ئەمەس، خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق قىلىشىمىزنى كۆرۈشنى خالايمىز».

بىل شورتېن بۇ سۆزلەرنى دۈشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيە لوۋىي ئىنستىتۇتىدا تاشقى سىياسەت توغرىلىق نۇتۇق سۆزلىگەندە تەكىتلىگەن. ئاۋسترالىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى 1997‏-يىلى باشلانغان. لېكىن، بۇ دىئالوگ 2014‏-يىلدىن بېرى توختاپ قالغان ئىدى. «سىدنېي ئەتىگەنلىك خەۋەرچىسى» گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي تەرەپ مىنىستىر دەرىجىلىك دىئالوگنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىدارە باشلىقلار دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويغان.

بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، غەرب خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئېلىپ بېرىۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغان.