ئامېرىكادىكى MRT ناملىق بىر ئاخبارات گۇرۇھى ئۆتكەن ھەپتە ئۆز مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان بىر زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە مەسچىت، تاۋاپگاھ ۋە تارىخىي ئورۇنلارنىڭ قانداق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ سىياسىي ساياھەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىنى قانداق بۇرمىلاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
زىيارەت خاتىرىسىدە ئېيتىلىشىچە، مۇخبىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ھالقىلىق شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان قەشقەردە 30 مەسچىتنى تاپقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردىن پەقەت ھېيتگاھ جامەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچلا مەسچىت ئۆزلىرىنىڭ ئىبادەتخانىلىق خاسلىقىنى ساقلاپ قالغان. مۇخبىر زىيارەت خاتىرىسىدە قالغان مەسچىتلەرنىڭ كورونا ۋىرۇسى ۋاكسىنا مەركىزى، خاتىرە بۇيۇملار دۇكىنى، قەھۋەخانا دېگەندەك ئورۇنلارغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى، بىر مەسچىتنىڭ خىتاي ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئوبورنىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
زىيارەت خاتىرىسىدە يەنە بۇ ئەھۋالنىڭ نوقۇل قەشقەرگە خاس ھادىسە ئەمەسلىكى، خوتەندىمۇ ئوخشاش ئەھۋالنىڭ مەۋجۇتلۇقى، خوتەندىكى ئەڭ قايناق بازارلارنىڭ بىرى بولغان ئات بازىرىنىڭ تۈزلىنىپ، يېقىندا باغچىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى ۋە بۇ يەردىكى مەسچىتنىڭ غايىب بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
زىيارەت خاتىرىسىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر رايوندىكى قېلىپ قالغان بىر قانچە مەسچىت پەقەت جۈمە نامىزىغا ئېچىلىدىكەن، قالغان ۋاقىتلاردا بولسا تاقاق تۇرىدىكەن.
زىيارەت خاتىرىسىدە، بىر خىتاي ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ بىر سۆزى ئالاھىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن. بۇ ساياھەت يېتەكچىسى مەسچىتلەر تاقىلىپ «ياخشى بولغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ: «ئىسلامدا ھەر بىر قانچە ئاھالىنىڭ بىر مەسچىتى بولۇشنى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئاسراش پۇلىنى شۇ مەھەللىدىكىلەر تۆلىشى كېرەك. ھازىر بۇ مەسچىتلەر تاقىلىپ، پۇلىنى يىغالايدىغان ۋە باشقا ئىشلارغا مەبلەغ قىلىپ سالالايدىغان بولدى» دېگەن.