خىتايدىكى ئايروپىلان قازاسىدا 5 ئادەم ئۆلدى

20-ئىيۇل شاڭخەيدە بىر كىچىك تىپتىكى ئايروپىلان تۇنجى سىناق ئۇچۇشىدا چۈشۈپ كېتىپ 5 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. «سۇمۇرغ» تورىدا خەۋەر قىلىشىچە، ئەينى چاغدا ئايروپىلاندا ئىككى ئايروپىلان خادىمى ۋە 8 باھالىغۇچى بار ئىكەن.

ئايروپىلان «بەخت ھاۋا قاتنىشى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر شىركەتكە تەۋە بولۇپ، ئايروپىلان شاڭخەينىڭ جىنشەن رايونىدىن جېجياڭنىڭ جۇشەن ئارىلىغا قاراپ ئۇچۇش سەپىرىدە قازاغا ئۇچرىغان. ۋەقەدە 5 ئادەم ئۆلگەن بولسا، قالغان بەش ئادەم ھەرخىل دەرىجىدە يارىلانغان.

نۆۋەتتە قالغان 5 كىشى قۇتقۇزۇش ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىر نەپىرىنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنلۈك پائالىيەتكە مەزكۇر شىركەتكە تەۋە ئايروپىلانلاردىن بىر نەچچىسى قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، بىرىنچى ئايروپىلان شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 12 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە كۆتۈرۈلگەن. بىرىنچى ئايروپىلانغا ئەگىشىپلا ئۇچقان ئىككىنچى ئايروپىلان ئۇزاق ئۆتمەي شاڭخەي خۇخاڭ يولىدىكى 7835 نومۇرلۇق كۆۋرۈككە سوقۇلۇپ چۈشۈپ كەتكەن. كېيىن قۇتقۇزغۇچىلار كېلىپ ئايروپىلاننى سۇدىن سۈزۈۋالغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، «بەخت ھاۋا قاتنىشى شىركىتى» خىتايدىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز ساياھەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەت ئىكەن. شىركەت بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق دېڭىز ساياھەتچىلىكنى تەشۋىق قىلىشنى پىلان قىلغان بولۇپ، ئەمما بۇلارنىڭ بۇ پائالىيىتى قازا بىلەن ئاياغلاشقان.

نۆۋەتتە جىنشەن رايونلۇق ھۆكۈمەت قازا سەۋەبىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا يولۇچىلار ئايروپىلانى ھادىسىلىرى كۆپ كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما باشقا تۈردىكى ئەجەللىك قاتناش ۋەقەلىرى توختىماي يۈز بېرىپ تۇرغان.

«خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى» نىڭ بۇ يىل مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتايدا ھەر يىلى تەخمىنەن 260 مىڭ ئادەمنىڭ قاتناش ھادىسىلىرىدە ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.