ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتاننىڭ «مىللىي ئەدەبىياتنىڭ بايانى ۋە قۇرۇلۇشى» ناملىق كىتابى يېقىندا بېيجىڭدىكى يازغۇچىلار نەشرىياتى تەرىپىدىن خىتاي تىلىدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان.
ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى باھالاردا قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر ئەسەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى مۇھىم بىر تۆھپە سۈپىتىدە ئەدەبىيات ساھەسىدە يۇقىرى تەسىر قوزغىغان ۋە خىتاي ئەدەبىياتشۇناسلىرىنىڭ شۇنىڭدەك خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى چۈشىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
گەرچە ئىلگىرى بىر قىسىم خىتاي ئەدەبىياتشۇناسلىرى ھازىرقى زامان ۋە كلاسسىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە مەخسۇس ئەمگەكلەرنى يازغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ كۆپى ئۇيغۇر تىلى ۋە چاغاتاي تىلىنى بىلمەي، پەقەت تەرجىمىگە تايانغاچقا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە چوڭقۇر ۋە قايىل قىلارلىق نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرالمىغان ئىكەن. شۇڭا ئازاد سۇلتاننىڭ ئەسىرىنىڭ يۇقىرى ئىلمىي قىممىتىنى چۈشەنگەن خىتاينىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى، سابىق خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرى ۋاڭ مېڭ ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتاقلىق خىتاي يازغۇچىلىرىدىن دۇڭ لىبو قاتارلىقلار كىتابقا كىرىش سۆز يېزىپ ئەسەرنى يۇقىرى باھالىغان.
تەڭرى تاغ تورىنىڭ يېزىشىچە، بۇ كىتاب ئەمەلىيەتتە پروفېسسور ئازات سۇلتاننىڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى بولۇپ، 40 پارچە ماقالىدىن تەركىپ تاپقان. بۇلار كىلاسسىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ھازىرقى زاماندا مەخسۇس خىتاي تىلىدا ئەسەر يازىدىغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بەدىي قىممىتى ۋە باشقىلارغا قارىتىلغان. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئېلىشىر ناۋايى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە باشقا مەشھۇر ناناميەدىلەرنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق ئانالىزلار يۈرگۈزۈلگەن.