بۇ يىل 8-ئاي خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم بىر ئاي بولۇپ، ھەممەيلەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېتنىڭ ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىشىنى كۈتمەكتە ئىكەن.
بۇ يىل 6-ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېت ۋەدە بېرىپ، 4 يىللىق ۋەزىپە مۇددىتىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئالدىدا، يەنى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
«ئامېرىكا ئاۋازى» دا بېرىلگەن بۇ خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى لىز تروسسېل (Liz Throssell) : «بىز بۇرۇن ئېيتقاندەك، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىشقا ۋەدە بەرگەن،» دېگەن.
ئۇ يەنە: «مىشېل باچىلېتنىڭ 5-ئايدا خىتايغا زىيارەتكە بېرىشى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئەمەس، بەلكى مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى خىتاينىڭ پىكرىنى ئېلىش ۋە بۇ دوكلاتنى ئورتاق پىكىر ئاساسىدا يېڭىلاش ئىدى،» دېگەن.
يېقىندىن بۇيان «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى توسۇش غەرىزىدە «1990-يىلدىن 2016-يىلغىچە شىنجاڭدا مىڭلىغان تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەردى؛ نۇرغۇن شاھىتلار ۋە تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى مىشېل باچىلېتقا ئېلخەت يوللىدى؛ خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇقنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى قۇرغان،» دېگەندەك مەزمۇندا تەشۋىقات ئېلىپ بارغان.
رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئايدا ب د ت كىشىلك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىغا خەت يېزىپ، «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلماسلىق» نى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئەگەر ئېلان قىلغان تەقدىردە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرغانلىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو روبىيو ئالدىنقى ھەپتە مىشېل باچىلېتقا خەت يېزىپ، خىتاينىڭ بېسىمىغا قارىماي ئۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىشقا، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە ئۆز شەنىگە داغ تەگكۈزمەسلىككە چاقىرغانىدى.