ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېت ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «ۋەكىللىك كىشىلەر» نى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتۇرغانىدى؛ بۈگۈنكى كۈندە ئۇلاردىن بەزىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، مىشېل باچىلېتقا ئېلخەت يازدۇرغان.
7-ئاينىڭ 27-كۈنى خىتايچە «تەڭرىتاغ» تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېتقا ئېلخەت يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ كەچمىشلىرىنى بايان قىلدى، شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەمدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭغا قارا سۈركەشلىرىگە بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى».
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خەت يازغانلار ئىچىدە «تېررورچىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار، كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزىدە ئوقۇغانلار، دىنىي زاتلار، ئىلمىي خادىملار، قول ھۈنەرۋەنچىلەر، زاۋۇتتا ئىشلەيدىغانلارنىڭ ۋەكىللىرى» بار ئىكەن. قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى مەمەت جۈمە دادىسى جۈمە داموللىنىڭ قانداق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلغان بولسا، كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزىدە ئوقۇغان زەينۇر نامەتقارى ئۆزىنىڭ بۇ يەردە جىنسىي خورلۇققا ئۇچرىمىغانلىقىنى ئېيتقان. شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇرەقىپ تۆمۈر نىياز مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ يەردە ئەركىن ياشايدىغانلىقىنى بايان قىلغان بولسا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، مۇئاۋېن مەكتەپ مۇدىرى زۇلھايات ئىسمائىل ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېت 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەكشۈرىمەن دەپ بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەلىماتىنى ئاڭلاپ يېنىپ كەلگەنىدى. ئۇ بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشتىن ئاۋۋال، ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ تېخىچە ئېلان قىلمايۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇنىڭغا بار كۈچى بىلەن توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئاتالمىش «ۋەكىللەر» گە خەت يازدۇرۇشىمۇ، شۇ مەقسەتنى كۆرسىتىپ بەرگەن.