ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ مەبلەغ باشقۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىش شىركىتى «قارا تاش» (BlackRock) يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە بېسىمى بىلەن خىتايغا سالغان مەبلىغىنى، يەنى پاي چېكى دەسمايىسىنى توختاتقان.
«ئاسىيا ۋاقتى» تورىنىڭ 8-سېنتەبىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ باشقۇرۇش شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان «قارا تاش» خىتاينىڭ پاي چېكى بازىرىغا مەبلەغ سېلىپ زىيان تارتقان. مەزكۇر شىركەت ئىلگىرى خىتاينىڭ قارا تىزىملىكتىكى شىركەتلىرىگە مەبلەغ سالغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ۋە ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئۇچرىغانىدى.
«قارا تاش» شىركىتى 8-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ، خىتايدىن پاي چېكى ئېلىشنى توختاتقان. چۈنكى شىركەتنىڭ 21 مىليون 400 مىڭ دوللارلىق ساپ مۈلۈك قىممىتى ئۆتكەن يىل 30.5 پىرسەنت چۈشۈپ كەتكەن. ئەمما «قاراتاش» شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئامېرىكادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ، يەنى پايچىكلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن خىتايدىن مەبلەغ چېكىندۈرمەيدىكەن، خىتايدىن پۇل تېپىش يولىنىمۇ ئېتىپ قويمايدىكەن.
بۇ يىل 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» قارا تاش شىركىتى بىلەن مورگان سىتەنلى خەلقئارا كاپىتال شىركىتى (MSCI) مەسئۇللىرىغا خەت يېزىپ، خىتاينىڭ ھەربىي سانائەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىش ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىشنى تەلەپ قىلغانىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قارا تاش شىركىتى ۋە مورگان سىتەنلى خەلقئارا كاپىتال شىركىتى خىتايدىن تازا پۇل تېپىۋاتقاندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بېسىمىغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن؛ ئەمما خىتاينىڭ ئىقتىسادىي چېكىنىپ، ئامېرىكادىكى مەبلەغ سالغۇچىلار خىتايدىن سوۋۇغان چاغدا ئۇلار خىتاي بازىرىدىن چېكىنىشنىڭ كويىغا كىرگەن. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن كېلىۋاتقان بېسىممۇ سەۋەب بولغان.
