خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت «باغۋەنچىلىكنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئون تۆتىنچى 5 يىللىق پىلانى» نى تۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىلغار تېخنىكىلارنى قوللىنىش ئارقىلىق بادام مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش ۋە كەلگۈسىدە بۇ رايوننى «بادام بازىسى» غا ئايلاندۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەزەلدىن «مېۋە-چېۋە ماكانى» دەيدىغان مەشھۇر نامى بولۇپ، بۇ رايوندىكى مېۋىلىك باغ خىتايدىكى مېۋىلىك باغلارنىڭ 13 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىكەن؛ يەنى ئۇيغۇر رايونى خىتايدىكى ئاساسلىق باغۋەنچىلىك رايونى ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ «شىنجاڭ مېۋىسى» ئىشلەپچىقىرىشنى كۆلەملەشتۈرۈش، تاۋارلاشتۇرۇش، ماركا يارىتىش تەرەققىياتىنى تېزلەتكەن. ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغان نەشپۈت، ئالما، چىلان، ياڭاق قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى خىتايدا سېتىپ داڭ قازىنىپلا قالماي، چەتئەللەرگىمۇ ئېكسپورت قىلىشقا باشلىغان.
خىتاي شىركەتلىرى ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغان بادامنىڭ غايەت زور بازار قىممىتىنى مۆلچەرلەپ، «بادام ئىشلەپچىقىرىشنى ماشىنىلاشتۇرۇش، بادامنىڭ تۈرىنى كۆپەيتىش، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش» ئۈچۈن مەبلەغ سېلىۋېتىپتۇ. بادام ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى يەكەن، قەشقەر تەۋەسىدە كۆپ چىقىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپلا بادام ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىىتىدىن پايدىلىپ كەلگەنىدى.
ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ نېفىت بازىسى، كۆمۈر بازىسى، پاختا بازىسى بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە توك ئىشلەپچىقىرىش، كۈنتاختا ئىشلەپچىقىرىش ۋە مېۋە-چېۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغىمۇ ئايلانغان بولۇپ، خىتاينىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئەڭ زور نەپ ئېلىۋاتقان رايونغا ئايلانغان. خىتاي ئانالىزچى خۇ پىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كۆچمەنلىرى بۇ رايوندىكى بايلىقنى ئېچىۋاتقانلار ۋە ئەڭ كۆپ بەھرىمەن بولۇۋاتقانلار بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى يوقالغان.