ئاقسۇ تەۋەسىدىكى باغچە قۇرۇلۇشىنىڭ خىتاي شىركەتلىرى ئۈچۈن تەييارلانغانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.12.28

يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى ئاقسۇ تەۋەسىدىكى 12 باغچە رايونى ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا ئۈچ مىليارد سومدىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاخىرىقى مەقسىتى باغچا رايونلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئالغا سۈرۈش ئىكەنلىكىنى داۋراڭ قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمدى بولسا بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كۆچۈپ كېلىشىگە راسلانغانلىقى مەلۇم بولدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 28-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋىلايەت تەۋەلىكىدىكى 12 باغچا رايونى كېڭەيتىپ قۇرۇلغان ھەمدە سۇ-توك قاتارلىق تەمىنلەش يوللىرى يېڭىلانغاندىن كېيىن، 1500 دىن ئارتۇق خىتاي كارخانىسى بۇ رايونلارغا كۆچۈپ كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە توقۇمۇچىلىق سانائەت شەھرى بىر مۇھىم تۈر ھېساپلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ماشىنا زاپچاسلىرى، يېزا-ئىگىلىك ماشىنىلىرى، كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى قاتارلىق تۈرلەرمۇ بار ئىكەن. كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇ رايونلارغا ماكانلىشىدىغانلىقى خەۋەردە ئالاھىدە يەر ئالغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ سودا شەھەرلىرى ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن، توۋارلارنىڭ توپلىنىشى، كۆرگەزمە قىلىنىشى، سىرتقا يۆتكىلىشى ۋە سودا ئىشلىرىنىڭ تاماملىنىشى بىر يۈرۈش ھالدا ئىشقا ئاشىدىكەن. بۇ جايلاردا بەرپا قىلىنغان غايەت زور ئامبارلارمۇ كەلگۈسىدىكى مەھسۇلاتلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.

ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى كۆپ تەرەپلىمە ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا بەزى جازا تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلغان. شۇنىڭدەك يېقىندا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ماقۇللىغان ئىدى. ئەمدى بولسا غايەت زور ساندىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ باغچا رايونلىرىغا كۆچۈپ كىرىشى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆلىمى، قاتناشقۇچىلىرى ھەمدە ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرى ھەققىدىكى بىر قاتار سوئاللارغا مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.