ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسەتنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان

ئامېرىكانىڭ خىتتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنس 9-ئاپرىل «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچۇسى ئەكبەر ئەسەتنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۋىتتېردا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى داڭلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىن «باغداش» تورىنىڭ مەزكۇر قۇرغۇچىسىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەكبەر ئەسەت ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى ئامېرىكا زىيارىتى پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، خىتايغا قايتقاندىن كېيىن، 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى غايىب بولغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان، پەقەت ئىككى يىل ئاۋۋال ئۇنىڭ «مىللىي ئۆچمەنلىك» ۋە «مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 كېسىلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى ئادۋوكات ھەدىسى رەيھان ئەسەت، ئەكبەر ئەسەتنىڭ ئاقسۇدىكى بىر تۈرمىگە قامالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

باش ئەلچى نىكولاس بۇرنس 9-ئاپرىل تۋىتتېردا خىتاي ۋە ئىنگىلىز تىللىرىدا ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا، «بۈگۈن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭدا ئەكبەر ئەسەتنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنىڭ 7 يىللىق خاتىرە كۈنى. مەن ئەكبەر ئەسەتنىڭ ئەھۋالىدىن يەنىلا ئەندىشە قىلىمەن ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئۇنى ھەم شىنجاڭ رايونىدا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان باشقا بارلىق مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمەن» دېگەن. بۇ نىكولاس بۇرنسنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى تۇنجى قېتىم ئەكبەر ئەسەت ۋە خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ باستۇرۇشىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېر-تۈرمىلەرگە قامالغان تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشى ئەمەس، ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بۇ خىل چاقىرىقلاردا بولغان.

نىكولاس بۇرنس، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا بېسىمغا قارىماي، ئۆزىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بۇ چاقىرىقتا بولغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئالدىنقى ھەپتىلەردە ئېلان قىلغان سىياسەتلىرىدە «كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى» نىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى، شۇنداقلا «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» نامىدىكى خىتايلاشتۇرۇش ھەركىتىدە «ئىجابىي نەتىجە» ھاسىل قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.