خىتاينىڭ «بەيدۇ» تورىدا ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى سېتىش ئېلان چىقىرىلىپ، چەتئەل كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
26-سېنتەبىر ئامېرىكالىق ئۇيغۇرشۇناس تىموتى گروس خىتاينىڭ «بەيدۇ» تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سېتىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى بىر ئېلاننى تۋىتتېرغا يوللاپ، قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىلىشىچە، بۇ خىل ئېلانلارنىڭ توردا ئاشكارا ئېلان قىلىنىشى، «بەيدۇ» غا ئوخشاش خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئۇچۇر ئامبىرىنىڭ بۇ خىل ئېلانلارنى بازار بىلەن تەمىنلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قورقۇنچلۇق ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىدىكەن.
«بەيدۇ» تورىدىكى ئېلاندا شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 3000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئىچكىرىدىكى كارخانىلاردا ئىشلەشكە يوللىغانلىقى، ئۇلارنىڭ قاتتىق سىياسىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىكى، بەدەن تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئېلاندا تەكىتلىشىچە، ياللىغۇچى كارخانا تاماق ئېتىش ئورنى ۋە تاماق ئېتىش ئۈسكۈنىسى بىلەن تەرمىنلىسىلا بولىدىكەن، ئىشچىلارنىڭ ئاشپىزى ئۇلار بىلەن تەڭ كېلىدىكەن. ئېلاندا ئىشچىلارنىڭ توختام ئىمزالىنىپ 15 كۈن ئىچىدە كارخانىدا تەق بولىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ «ھەربىي تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلىدىغانلىقى، كېتىپ قالمايدىغانلىقى، توختام قەرەلى قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك ئىشلەيدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن. ئېلاندا «ئىشچىلار زاۋۇتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنىدۇ. شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ۋە ساقچىلار يېتەكچىلىك قىلىدۇ،» دېيىلگەن.
بۇ خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى سېتىش توغرىسىدىكى تۇنجى ئېلان ئەمەس. بۇ خىل ئېلانلار بۇرۇنمۇ ئېلان قىلىنغان. بەزى ئېلانلاردا «ئەگەر ئۇيغۇر ئايال ئىشلەمچىلەر كېرەك بولسا،» ئۇلارنىمۇ تەمىنلەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. مەزكۇر ئېلان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى «ئۇيغۇرلاردا مەجبۇرىي ئەمگېكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىغان مەزگىلدە تارقالدى. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئۆتكەن ھەپتە ئاۋام پالاتاسىدا 3 كە قارشى 406 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللانغان ئىدى.